مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر يول بىر بەلباغ

    يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ‹‹بىر تۇتقا››دىن ياخشى پايدىلىنايلى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-02-04 11:01:44شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا يەشمە (3)

    مۇخبىرىمىز شى شىن

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا: 2017 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ‹‹بىر تۇتقا››دىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››دىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال سىڭىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ‹‹بىر تۇتقا››دىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     نېمە ئۈچۈن ‹‹بىر تۇتقا››دىن ياخشى پايدىلىنىمىز؟ زادى قانداق چىڭ تۇتىمىز؟ ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە نوپۇزلۇق ئەربابلار بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەردى:

     تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەت

     ‹‹تۇتقا›› نۇقتىلىق خىزمەت، مۇھىم يول، بۆسۈش ئېغىزى، كېسىشىش نۇقتىسى، باشلىنىش نۇقتىسى دېگەندەك مەزمۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.

     شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى جۇ شياۋ مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى ئارقا كۆرۈنۈشىدە شىنجاڭ ناھايىتى روشەن رايون ئۈستۈنلۈكىگە، جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈككە، بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى يېڭى نورمال ھالەتتىكى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى ۋە باشلىنىش نۇقتىسىدۇر.

     شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى زور تەدبىر، دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىگە پائال سىڭىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، شىنجاڭنىڭ ئىچكى – تاشقى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىكى ئۈنۈملۈك سۇپا.

     جۇ شياۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئاساسى ۋە شارائىتى بار ھەم بەلگىلىك ئالدىنقى مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئىگە، شۇڭا بۇ تۇتقىنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدۇ. بۇ تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى چوقۇم تۈرلۈك چارە – ئاماللار بىلەن چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

     شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات ئاپپاراتلىرىغا يادرولۇق رايون مەخسۇس يىرىك پىلانى تۈزۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى پەللىدە ئىلگىرى سۈرۈش ھاۋالە قىلىندى، داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ يىرىك پىلانى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتتى، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا، مائارىپ مەركىزىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەركەزنىڭ يىرىك پىلانى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە سۇنۇلدى.

     تىرىشقاندىلا يېڭى نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ

     بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال سىڭىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يوللىرىنى، تاشقى ئېھتىياج بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم تىرىشىپ يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك.

     2016 – يىلى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى يەنە بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مەدەنىي ئېچىۋېتىشتەك قىياپەت، ئەمەلىي ھەمكارلىشىشتەك تەدبىر ئارقىلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تىرىشىپ ئاتلىنىپ، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ سودا ئوبوروتى، ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىقلاردىكى تۈرلۈك ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈردى.

     جايلار، تۈگۈن نۇقتىسىدىكى شەھەرلەرمۇ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بىلەن بىر گەۋدە شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

     ئۈرۈمچى شەھىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ‹‹بەش چوڭ مەركىزى›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى ھەم تېز ئىلگىرى سۈردى؛ تارباغاتاي ۋىلايىتى باقتۇ پورتىنى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇلازىمىتى ئەڭ ئەلا، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى، تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق پورت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشماقتا؛ قىزىلسۇ ئوبلاستى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ دەرۋازىسى، جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم يولىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرنى بېكىتتى؛ قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ‹‹تۆت پورت، بىر جىلغا›› قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى، 2016 – يىلى 11 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مۇقىم مۈلۈك 4 مىليارد 530 مىليون يۈەنگە، يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانا 2134 كە يەتتى، جۇڭگو قورغاس چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئالتە سودا بانكىسى قىرغاق سىرتى خەلق پۇلى كەسپىدە بېجىرگەن سومما 51 مىليارد 10 مىليون يۈەنگە يەتتى.

     جۇ شياۋ مۇنداق دېدى: ‹‹بىر تۇتقا››دىن ياخشى پايدىلىنىشتا شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹يېشىل يىپەك يولى، ساغلام يىپەك يولى، ئەقلىي قابىلىيەتلىك يىپەك يولى، تىنچ يىپەك يولى بەرپا قىلىش››تىن ئىبارەت مۇھىم كۆرسەتمىسى بويىچە، ‹‹ئۈچ يول››، ‹‹ئۈچ بازا››، ‹‹بەش چوڭ مەركەز››، ‹‹ئون چوڭ ئىمپورت – ئېكسپورت كەسپى توپلانغان رايون›› قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى جەھەتتە ۋە سىرتقا ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

     مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

     ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن مۇنداق دېدى: يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسەت، يىرىك پىلان سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەللەشتۈرگەندىن باشقا، مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئۈنۈمنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

     ئاپتونوم رايون بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چوڭ – چوڭ تۈرلەر زاپاس ئامبىرى قۇرۇپ، ‹‹شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالدىن ئىلگىرى سۈرۈش تۈرىنىڭ ئۈچ يىللىق ئايلانما يولغا قويۇش پىلانى››نى تۈزىدۇ. ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ شىمالىي، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئۇچ چوڭ يولى ۋە جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ يولىنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئىچى – سىرتىغا تۇتاشقان، تېز، قولاي، ئەرزان ئىستېرېئولۇق قاتناش تىرانسپورت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق جايلارغا يۈزلەنگەن خەلقئارا ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت يولىنى تىرىشىپ ئاچىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ.

     سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسىنى يەنىمۇ ياخشىلايدۇ. دۆلەتنىڭ قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا قاراتقان ئالاھىدە ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا ئېتىبار بېرىلگەن كەسىپلەر تۈرىنى تەڭشەپ ۋە تولۇقلاپ، 2 – ، 3 – كەسىپ تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئالاتاۋ، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ۋە جۇڭگو قازاقىستان – قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ جۇڭگو تەرەپ يانداش رايون ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ياخشىلايدۇ.

     تاشقى مەبلەغنى پائال جەلپ قىلىدۇ ۋە خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ، دۆلەت يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزگەن ‹‹چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە رويخەتكە ئالدۇرۇپ باشقۇرۇش چارىسى›› ۋە ‹‹چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كەسىپلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇندەرىجىسى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خېرىدار ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت شەكلىدە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مول كەسىپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە جابدۇق ياسىمىچىلىقى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىشىنى قوللاپ، جابدۇق ياسىمىچىلىق، تېخنىكا، ئۆلچەم، مۇلازىمەتنىڭ سىرتقا چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.