مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر يول بىر بەلباغ

    «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستىراتېگىيەسىدە شىنجاڭدىكى يېمەكلىك كارخانىلىرى سۈپەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك

    پەرغانە2016-09-01 11:31:53شىنجاڭ گېزىتى

        رابىيە تۇرسۇن

        يېمەكلىك سۈپىتى مەسىلىسى بىر رايوندىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ساغلاملىقى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئوبرازى بىلەنمۇ زىچ باغلىنىشلىق. يېمەكلىك سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكى ئاللىقاچان خەلق تۇرمۇشى سۈپىتى ۋە دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم تەرەپ بولۇپ قالدى. 2016 – يىلى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى (سىناق نۇسخا)››نى يولغا قويۇپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كارخانىلىرىغا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەت تەلىپى قويدى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىدە شىنجاڭدىكى يېمەكلىك كارخانىلىرى يېمەكلىك سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ‹‹يادرولۇق رايون›› قۇرۇلۇشىغا ئىجتىمائىي ئاساس سېلىشى كېرەك.

        1. رەھبەرلەر باشلامچى بولۇپ سۈپەت باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك

        يېمەكلىك سۈپىتى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى، بەخت قۇرۇلۇشى. شىنجاڭدىكى يېمەكلىك كارخانىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى باشلامچى بولۇپ سۈپەت باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹1 – قول رەھبەر قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېمەكلىك كارخانىلىرى ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا ھەرقايسى قاتلام بويىچە مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، سۈپەت خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەسئۇلىيەت ۋە سۈپەت ئۆلچىمىنى ئېنىق بېكىتىشى كېرەك. سۈپەت باشقۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى رەھبەرلەرنىڭ يىللىق باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، كارخانىنىڭ يېمەكلىك سۈپىتى ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

        2. تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك

        شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك كارخانىلىرى تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇلۇشى ۋە بىرلەشتۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ياكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش داۋامىدا كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق خەۋپ – خەتىرى ۋە تەتۈر يۆنىلىشلىك تاللاشنىڭ يۈز بېرىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ياخشى بولغان كارخانا ئۈنۈمىنى يارىتىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ياكى يېمەكلىكىدە مەسىلە كۆرۈلسە، كارخانا ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن تەمىنلەش زەنجىرىدە خەۋەپ – خەتەر پەيدا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يېمەكلىك كارخانىلىرى ئىچكى قىسىمدىكى فۇنكسىيەلىك بۆلۈملەرنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېمەكلىكنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى، شۇنداقلا كارخانا ئىچكى قىسمىدىكى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى شېرىكلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، يېمەكلىكنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەمكارلىق داۋامىدىمۇ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى قوبۇل قىلىپ، بىخەتەرلىك، باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈش، باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش شىنجاڭدىكى يېمەكلىك كارخانىلىرىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››غا سىڭىپ كىرىشىدىكى مۇھىم يول.

        تەتۈر يۆنىلىشلىك تاللاش كەلتۈرۈپ چىقارغان بازارنىڭ كاسساتلىشىشى يېمەكلىك سۈپىتى خۇسۇسىيىتىدىكى ئۇچۇر ماسلاشماسلىقنىڭ بىۋاسىتە ئاقىۋىتى. سۈپەت سىگنالى تولۇق ھەم ئۈنۈملۈك بولغاندىلا، بازار ئۈنۈملۈك ئايلىنالايدۇ. يېمەكلىك سۈپىتىنىڭ تەجرىبە خۇسۇسىيىتىدىن ئېيتقاندا، ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن سۈپىتىنى بىلەلەيدۇ، نەتىجىدە ئىشلەپچىقارغۇچىدا ئالاقىدار سۈپەت سىگنالىنى يەتكۈزۈش مۇددىئاسى شەكىللىنىدۇ.

        يېمەكلىك سۈپىتىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇش خۇسۇسىيىتىدىن ئېيتقاندا، ئىستېمالچىلار مەھسۇلاتنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىنمۇ مەھسۇلاتنىڭ ھەقىقىي سۈپىتىنى بىلىشكە ئامالسىز قالغانلىقتىن، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدۇ. بۇنداق ئۇچۇرنىڭ پۈتۈنلەي ماسلاشماسلىقى ئىستېمالچىلارنى يېمەكلىك سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكى، شۇنداقلا ساغلاملىق خەتىرىگە يۈزلەندۈرىدۇ. شۇڭا ئىستېمالچىلارنى ئىشەندۈرىدىغان 3 – تەرەپنىڭ بازارغا كىرىپ، ئۈنۈملۈك سىگنال يەتكۈزۈشى ۋە شۇ ئارقىلىق يېمەكلىك سۈپىتى سىگىنالىنىڭ بازارنى كاسساتلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش زۆرۈر. ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەكلىك كارخانىلىرى ئىچىدە خۇسۇسىي كارخانىلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەچكە، مەھسۇلات سۈپىتىگە 3 – تەرەپ ئىسپات بەرگەندە مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدە ئۆلچىمى، تەننەرخى ۋە مەنبەنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ مەھسۇلاتنى پەرقلەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. 3 – تەرەپ ئىسپات بەرگەن كارخانا ئاممىۋى ئېھتىياجنى ئاسان قاندۇرالايدۇ ۋە قاتتىقراق ئۆلچەم شەرتى ئاستىدا ئىمپورت – ئېكىسپورت ئۆلچىمىگە يېتەلەيدۇ. شۇڭا 3 – تەرەپ ئىسپات بېرىش بازارغا كىرىشتىكى توسمىغا ئايلىنىپ، بازارنى سەرخىللاشتۇرۇپ، رىقابەت كۈچى يوق كارخانىلارنى شاللاپ چىقىرالايدۇ.

        3 – تەرەپ ئىسپات بېرىشنىڭ رولى تەمىنلەش تەرەپتىنلا ئەمەس، رىقابەتنى كۈچەيتىش جەھەتتىنمۇ ئىپادىلىنىدۇ. 3 – تەرەپنىڭ ئىسپاتى ئىستېمالچىلارنى يېمەكلىك سۈپىتى بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ھەر تەرەپلىمە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، بۇ ئۇچۇرلار ئىستېمالچىلارنىڭ يېمەكلىك سۈپىتىگە باھا بېرىشىگە ياردەم قىلالايدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ ‹‹بىخەتەر يېمەكلىك››كە بولغان ئىنتىلىشى كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى باھالىتىش ۋە ئىستېمالچىلارنى ئالاقىدار ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە تۈرتكە بولىدۇ. ئېغىر بولغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسسى يۈز بەرگەندە، يېمەكلىك سۈپىتىنىڭ توغرا سىگىنالى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا شىنجاڭدىكى يېمەكلىك كارخانىلىرى ئۆزىگە ۋە بازارغا ماس كېلىدىغان يېمەكلىك سۈپىتى بىخەتەرلىك سىگىنالىنى تاللىشى، مەھسۇلات ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››غا تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىشى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.