مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر يول بىر بەلباغ

    ئىرانلىقلار نەزىرىدىكى يېڭى يىپەك يولى تەشەببۇسى

    نىجات2016-08-29 11:06:16تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        شىنخۇا تورى، تېھران، 27-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: «2016-يىللىق جۇڭگونى تونۇش __ جۇڭگو غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى ئىران سەپىرى.شىنجاڭ قىسمى» ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئاياغلىشىشىغا ئاز ۋاقىت قالدى. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكىنىڭ پائالىيەتلىرى سەرخىل بولۇپ، ئىراندا ئومۇميۈزلۈك كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

        جۇڭگو بىلەن ئىران ئاسىيادىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت، شۇنداقلا يىپەك يولىدىكى مۇھىم دۆلەتلەردۇر. جۇڭگو-ئىران دوستلۇقى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. بۈگۈنكى كۈندە «بىر بەلباغ بىر يول» رامكىسىدا جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقى يېڭى تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشتى.

        جۇڭگو-ئىران دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش

        ئىران مەدەنىيەت ۋە ئىسلامغا يېتەكچىلىك قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەلى موراخونى «جۇڭگونى تونۇش» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىران جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، يىپەك يولى ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. ئىران ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىدە نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بار، مەدەنىيەت-سەنئەت ئالاقىسى ئارقىلىق، قارشى تەرەپ مەدەنىيىىتنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى ئۆگىنىش، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى پۇختىلاشنىڭ ئاساسى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشى ئاساسىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى بولۇپمۇ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

        «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو-ئىران دوستانە ئالاقە ھەمكارلىقى» مۇنبىرى بۇ قېتىمقى «جۇڭگونى ھېس قىلىش» پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دېدى: يېڭى يىپەك يولى تەشەببۇسى تەرەققىي قىلىۋاتقان رايونلارنىڭ ئىقتىسادى ھەمدە ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

        جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ئەمەلىي ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش

        ئىراندىكى ھەر ساھە كىشىلىرى جۇڭگو-ئىران دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتىن باشقا، «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك دەپ قارىدى.

        تېھراندىكى شاھىد بېھېشتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى شارىيات نىيا مۇنداق دېدى: غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىرانغا بولغان پۇل مۇئامىلە جازاسى تېخى تولۇق ئاخىرلاشمىدى، يېڭى يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇش جەريانىدا، ئىران بىلەن جۇڭگو ۋە يىپەك يولىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا سودا مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

        ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ خۇسۇسىي تارماقلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە چوقۇم قاتنىشىشى كېرەك، بۇنداق بولمىغاندا، قىسقا مەزگىللىك سودا مۇناسىۋىتى ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرەلمەيدۇ. ئىران يېڭى يىپەك يولى تەشەببۇسىدا شەرق-غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان ئوتتۇرا ئالمىشىش بېكىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە يېڭى يىپەك يولىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.