مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر يول بىر بەلباغ

    يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو–ئىران دوستلۇق ئالاقىسى ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

    زاھىدە2016-08-25 10:35:20شىنجاڭ گېزىتى

       جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو – ئىران دوستلۇق ئالاقىسى ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنى 23 – ئاۋغۇست ئىران پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلدى. ئېلىمىز ۋە ئىراننىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، مۇتەخەسسىس – ئالىملىرى، تاراتقۇ خىزمەتچىلىرى بولۇپ نەچچە ئون ئادەم مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ دوستلۇق ئالاقە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە چارە – تەدبىر كۆرسەتتى.

       مۇھاكىمە يىغىنى ‹‹2016 – يىللىق جۇڭگونى ھېس قىلىش جۇڭگو غەربىي رايون مەدەنىيىتى ئىران سەپىرى . شىنجاڭ قىسمى›› پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئىككى تەرەپ مەۋقەنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولغان ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىغا قارىتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئومۇمىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا دۇچ كېلىدىغان پۇرسەت ۋە خىرىسنى مۇھاكىمە قىلىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ مەيدانى ۋە تەدبىرلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.

       ئىران – جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەدى مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش ئىستراتېگىيەسى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، ئىستىقبالى تېخىمۇ زور بولىدۇ. ئىران يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم بۆلەك، بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئارقىلىق، ئىراننىڭ جۇڭگوغا، بولۇپمۇ جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى، بىز پۇرسەت يارىتىپ ئىراندىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا بېرىپ ئوخشاش تۈردىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو – ئىران مۇناسىۋىتىنى قوغداپ ۋە مۇستەھكەملەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا قول تۇتۇشۇپ بىللە ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

       جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مەسلىھەتچىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، دوكتۇر خې شىڭلياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ھالقىما نۇسخىسى ۋە دەرىجىسى ئۆرلىگەن نۇسخىسى، لىنىيە بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلار ئورتاق قۇرۇش مۇساپىسىدە ئىلگىرىكىدىنمۇ كۆپ مەنپەئەت ۋە نەپكە ئېرىشىدۇ؛ جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، جۈملىدىن جۇڭگو شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈنلەر ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو – ئىران ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشى كېرەك.

       شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز مەركىزىي ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون ئىكەنلىكى شۇنداقلا يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىدىغانلىقى، بۇنىڭ شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىغا پۇختا ئاساس بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. شىنجاڭ رايون، بايلىق، سىياسەت، فىلولوگىيە ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ھازىر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› كۈچەپ قۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئىران يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ، يادرولۇق رايون قىلىپ بېكىتىلگەن ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ ئورتاق مەنپەئەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىش، ئورتاق نەپ يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

       جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتى، جۇڭگو بىلەن ئىراندىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە جۇڭگو شىنجاڭدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن بولۇپ ئون نەچچە كىشى مۇھاكىمە يىغىنىدا پىكىر ئالماشتۇردى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشىغا موھتاج، جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىستىقبالى پارلاق، جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا زور رول ئوينايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.