مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر يول بىر بەلباغ

    يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت دەۋر گارمۇنىيەسىنى ياڭراتتى

    زاھىدە2016-08-24 10:46:20شىنجاڭ گېزىتى

    جاۋ چۈنخۇا

       يىپەك يولىدا چاقنىغان مەرۋايىت شىنجاڭ بۈگۈنكى كۈندە ھاياتىي كۈچى ۋە كۈچلۈك جەلپكارلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، سودىگەرلەر ۋە ئاقىللارنىڭ توپلىنىشى تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى داۋامىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

       قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت قايتىدىن جۇلالىنىپ، يېڭى يىپەك يولىدىكى تېخىمۇ كۆپ پۇقرا ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش سەپىرىگە ئاتلاندى.

      يېتەكچى رايون پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى كۆزلىدى

       ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 2013 – يىل 11 – ئاينىڭ 16 – كۈنى: شىنجاڭ تىرىشىپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايوننى بەرپا قىلىپ، ‹‹بەش مەركەز، ئۈچ بازا، بىر يول››نى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭنىڭ يېتەكچى رايونى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆزگىچە رايون، كەسىپ، بايلىق، بازار ۋە ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈردى. 2014 – يىل 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئېچىلغان ج ك پ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا: ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى <بەش چوڭ مەركەز>نى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك››، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

       يۇقىرى قاتلامدىكىلەر كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدى بىلەن دۇنياۋىلاشتۇرۇشقا قۇچاق ئاچتى.

       ئۈرۈمچىدە 2013 – يىل 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى شەھەرلەر ھەمكارلىقى تەرەققىيات مۇنبىرى›› ئۆتكۈزۈلۈپ، سەككىز دۆلەتتىكى 24 شەھەر ۋە رايون ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى شەھەرلەر ھەمكارلىقى تەرەققىياتى ئۈرۈمچى ئورتاق تونۇشى›› ھاسىل قىلدى. 2014 – يىل 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹9 – نۆۋەتلىك يىپەك يولى شەھەر باشلىقلىرى مۇنبىرى ۋە 2014 – يىللىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى شەھەرلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى››دە، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى 48 شەھەر ‹‹ئۈرۈمچى خىتابنامىسى››نى بىرلىكتە ئېلان قىلدى... شۇنىڭ بىلەن ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، تەڭ پايدا ئېلىش يولى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتى.

       ھالبۇكى، ئۈرۈمچى دىيارىدا ‹‹بەش چوڭ مەركەز››نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئارزۇ قەدەممۇ قەدەم رېئاللىققا ئايلاندى.

       شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 6 – دوختۇرخانا 6 – ئاينىڭ 13 – كۈنى قازاقىستان قۇستاناي ئوبلاستلىق دوختۇرخانا، قۇستاناي بالىلار دوختۇرخانىسى بىلەن يىراقتىن داۋالاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئۈرۈمچى بۇ يىل يەنە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى 30 نەچچە دوختۇرخانا بىلەن چېگرا ھالقىغان يىراقتىن داۋالاش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، داۋالاش ئۇچۇرى ۋە سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

       ساھەلەر ئارا ھەمكارلىقى ۋە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

       شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا كادىرلار ساقلىق ساقلاش مەركىزى خەلقئارا داۋالاش بۆلۈمىدە، ئىچكى كېسەللىكلەر PIV بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، پىروفېسسور جاڭ لى مۇنداق دېدى: ھەر يىلى دوختۇرخانىمىزغا كېلىپ كېسەلخانىدا داۋالىنىدىغان چەت ئەللىك ئاغرىق تەخمىنەن 400 ئادەم(قېتىم)گە، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغانلار 2000 ئادەم(قېتىم)گە يېتىدۇ.

       ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا 12 – ئاۋغۇست قاتناش باشلاندى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى مەركىزىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، رايونلار ئىقتىسادىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى، شۇنداقلا ئەتراپتىكى رايون، دۆلەتلەرنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى.

      ئالدىنقى سەپ بازىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى تېزلىتىلدى

       ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى›› رامكا تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن، جۇڭگو – پاكىستان، باڭلادېش – جۇڭگو – ھىندىستان – بىرمىدىن ئىبارەت ئىككى ئىقتىساد كارىدورى بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش زىچ بىرلەشتۈرۈلدى. قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قاتارلىق ئالدىنقى سەپ بازىلىرى ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، رەڭگارەڭ چىراغ نۇرى ئاستىدا چاقنىغان ‹‹چولپان››غا ئايلاندى.

       يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى بولغان قەشقەر ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى.

       قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن شۈگۇاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى جۇڭگو – پاكسىتان ئىقتىساد كارىدورى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، بېيجىڭ ‹‹نەيۋېي›› پەن – تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹خۇالىڭ›› سانائەت – سودا گۇرۇھى، ‹‹جۇڭمىنشىن›› گۇرۇھى، گۇاڭدۇڭ ‹‹لۇڭخاۋ›› گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ قەشقەر خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنى قۇرغان، شىركەتنىڭ قۇرۇلۇشى قەشقەرنىڭ ‹‹بوشلۇقتىكى يىپەك يولى›› ئىستراتېگىيەسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، ھاۋا يولىنى ھەقىقىي ئېچىپ، جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان.

       تىرىشىپ ئىلگىرىلەۋاتقان قەشقەر تولۇق ئىشەنچ بىلەن بىزگە يېقىنلاشماقتا؛ ھالبۇكى جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان قورغاس بەئەينى كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياشتەك ھاياتىي كۈچكە تولماقتا.

       جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى تاموژنىسى 18 – ئاۋغۇست ئېچىلدى، بۇ شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

       قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، قورغاس شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گاڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قورغاس شەھىرى قازاقىستان بىلەن چېگرالىنىش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىندىكىگە جايلىشىشتەك رايون ئەۋزەللىكى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى تايانچ ۋە باشلامچى بولۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، جۇڭگو – قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى، كەسىپ، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ‹‹پارلاق يول›› بىلەن ياخشى تۇتۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو – قازاقىستان ھەمكارلىقىدا ئۈلگە ياراتتى.

       ئالاتاۋ شەھىرى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدىكى ئالدىنقى سەپ بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۇرسەتنى پائال چىڭ تۇتتى. بۇ يىل 7 – ئايدا ئېلىمىز تۇنجى قېتىم تۆمۈر يول ئارقىلىق قازاقىستاندىن ئىمپورت قىلغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى قاچىلانغان پويىز ئالاتاۋغا يېتىپ كەلدى، بۇ ئېلىمىز ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغاندىن كېيىنكى دۆلەت ھالقىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز توشۇيدىغان تۇنجى تۆمۈر يول مەخسۇس لىنىيەسى بولۇپ، تۆمۈر يولنىڭ ئېلىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە يولىغا، ئېنېرگىيە سودىسىدىكى يەنە بىر ئەشيا ئوبوروتى جان تومۇرىغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

       ‹‹دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى›› قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىدە ئېنېرگىيە مەنبەسى يادرولۇق رايونىغا ئايلاندى.

      پايدىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى

       ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەمەلىيىتىدە، لىنىيە بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىسى، ئەسلىھەلەرنى بىرلەشتۈرۈش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش قەدىمى ئىلگىرى سۈرۈلۈش بىلەن بىللە، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە ئارىلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايوندىكى كىشىلەر زامان – ماكاندىن ھالقىپ، قەلبلەر يېقىنلاشتى.

       شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى، پىروفېسسور مېڭ نەن مۇنداق دېدى: ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى 1987 – يىلى قۇرۇلغان، ئۇ ۋاقىتتا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمدىلا باشلانغان، شىنجاڭ چوڭ ئارقا سەپ بولغاچقا، ماتېرىيال تېپىش ناھايىتى قىيىن، نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرۈش تېخىمۇ قىيىن ئىدى. <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ مىللىي مەدەنىيەت قېزىلدى ۋە قوغدالدى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىلىم ئالماشتۇرۇش بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئۆزئارا تونۇش ۋە چۈشىنىش ئىلگىرى سۈرۈلدى››.

       ئىلىم ئالماشتۇرۇشنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مېڭ نەن چەت ئەل ئالىملىرى بىلەن بولغان ئالاقىدە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› سۆزىنىڭ ناھايىتى كۆپ تىلغا ئېلىنغانلىقى، نۇرغۇن ئالىمنىڭ بۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇنىڭ نەزەرىدە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە شەخسلەرگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلغان. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تېپىلماس پۇرسەت. ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ، كەسىپ قاتارلىقلارنىڭ غەربىي قىسىمغا يۆتكىلىشى يۈزلىنىۋاتقىنىمىزنىڭ پۇرسەتلا ئەمەس، يەنە خىرىسنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

       ئۆتكەن بىر ئايدا، شىنجاڭ جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تارباغاتاي شۆبىسىنىڭ خىزمەتچىسى لى شياڭ ھەم چارچاش ھەم بەختنىڭ تەمىنى تېتىدى. 15 – ئىيۇل قازاقىستاننىڭ كوللېكتىپ ۋىزا بېرىشكە قوشۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خۇشخەۋەر تارقالدى، لى شياڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن تۇنجى ساياھەت ئۆمىكىنى تەشكىللەپ يولغا سېلىشنىڭ تەييارلىقىغا جىددىي كىرىشتى. جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قازاقىستانغا بارىدىغان تۇنجى ساياھەت ئۆمىكىنى يولغا سېلىش مۇراسىمى 5 – ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، لى شياڭ ئۈندىدارىدىكى دوستلار چەمبىرىكىگە بۇ ئۇچۇرنى يوللىدى. 10 – ئاۋغۇست لى شياڭ خىزمەت قىلىۋاتقان شىركەت تەشكىللىگەن قازاقىستاننىڭ ئالاكۆلگە ئۈچ كۈنلۈك ساياھەتكە چىققان تۇنجى ئۆمەك نىشانغا يېتىپ باردى، ئۇدا نەچچە كۈنگىچە لى شياڭنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر ۋە مەززىلىك تائاملار نۇرغۇن كىشىنى قىزىقتۇردى.

       ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى لى شياڭدىن كېيىنكى قېتىملىق ئۆمەكنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتىنى سۈرۈشتۈردى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ساياھەت لىنىيەلىرى جەزمەن قىزىپ كېتىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.