مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر يول بىر بەلباغ

    تارىخىي مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

    زاھىدە2016-08-24 10:45:26شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى

       ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 23 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىش توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

       يىغىندا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

       جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئىچكى – تاشقى ئىككى چوڭ ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ھەم ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلىگەنلىك، ھەم مول مەزمۇنغا ۋە يېتەكچىلىك خاراكتېرگە ئىگە خىزمەت تەلىپىدۇر، شۇڭا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، تېخىمۇ يىراقنى كۆزلەپ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىشىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، تارىخىي بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

       جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، شۇڭا دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىگە جەزمەن ماسلىشىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

       جاڭ چۈنشيەن پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈرلەرنى ماكانلاشتۇرۇش، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، جامائەت پىكرىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە تۆۋەندىكىدەك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

       شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىكرى، ھەرىكەت پىلانى ۋە ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› مەخسۇس تۈر پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىغا جايلىشىشتەك ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى چۆرىدەپ، جايىدا كۈچەپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت سىياسەت، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك؛

       ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پاكىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىقىش نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى، ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنى شىنجاڭغا ماكانلاشتۇرۇش كېرەك، بۇ يادرولۇق رايوننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى؛

       پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتىنى ھىمايە قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېقىن بولۇش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قوشنا رايونلارنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، جۇغراپىيەلىك ئىقتىساد ئارقىلىق فىلولوگىيەلىك ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشنا رايون خەلقىنى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق نەتىجىسىدىن ھەقىقىي بەھرىلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جۇڭگونى تونۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك؛

       مەركەزنىڭ تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەمەلىي نەتىجىلەرنى، شىنجاڭنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇشتىكى ئەۋزەللىكى، سىياسىتى، تەرەققىياتى، يوشۇرۇن كۈچىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئىلمىي تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك. يەنىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنى ئېچىشقا جىددىي تەييارلىق قىلىش كېرەك.

       شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.