مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر يول بىر بەلباغ

    شىنجاڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››دىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك

    ئامانگۈل2016-02-16 18:22:55شىنجاڭ گېزىتى

    راخمان مامۇت

        ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك›› دەپ تەكىتلەندى. ھەممىگە مەلۇم، شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. بۇ شىنجاڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دىكى ھەممە بىلىدىغان ئەۋزەللىكى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى شىنجاڭغا غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. شۇڭا شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىدە ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

       شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىدە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا، سىياسەت، يول، سودا، پۇل مۇئامىلە، ئەلرايىدىن ئىبارەت ‹‹بەش ئۆتكەل››نى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ‹‹بەش ئۆتكەل›› ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا كونكرېت ئەھمىيەتكە، قاراتمىلىق مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە. شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن تەشەببۇسكار بولۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى رايونلار ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشى لازىم. شىنجاڭ ئىچكى قاتناش – تىرانسپورت تورىنى ياخشى پىلانلاپ، ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھالقىما تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش لازىم؛ سودا – ئوبوروت، پۇل مۇئامىلە، ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى تاشقى پېرېۋوت ئالماشتۇرۇشنىڭ سىناق نۇقتىسى قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ خەلقئارا، مەملىكەت ئىقتىسادى بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرىنى يەنىمۇ زورايتىشى لازىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا خەلقئارالىق كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرى زورىيىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇيدىغان، ساياھەت قىلىدىغان، داۋالىنىدىغانلار كۆپەيدى. بۇنى شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

       ھازىر شىنجاڭنىڭ بىر تۈركۈم كارخانىلىرى گىرۇزىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە سانائەت رايونى قۇردى. بىر تۈركۈم داڭلىق كارخانىلار شىنجاڭدا تۇرۇپلا ئوتتۇرا، شەرقىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. شىنجاڭ ھازىر يېڭى ئىمپورت – ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى جۇغلىنىدىغان رايونغا ئايلىنىپ، زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلماقتا. شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››دىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق تىپىدىكى كەسىپلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىيات يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ ئىگىلىكى قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشى لازىم.

       شىنجاڭدا مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. ھازىر مەدەنىيەت كەسپى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە خەلق ئىگىلىكىدە تۈرتكىلىك رول ئويناپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە تۈۋرۈك كەسىپ ۋە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى، يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئىستېمال ئېھتىياجى يەنىمۇ ئاشىدۇ. ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەر دىققەت – ئېتىبارىنى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بازىرىغا تىكمەكتە. شىنجاڭ مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ مەدەنىيىتى بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ. شۇڭا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، مەدەنىيەت كەسىپلىرى سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىچكى – تاشقى بازارنى ئىگىلەپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇلازىمىتىنى ئېكسپورت قىلىشقا مەدەت بېرىدىغان تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، سىرتقا يۈزلەنگەن مەدەنىيەت كارخانىلىرى بىلەن ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنى قۇرۇپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى ۋە خەلقئارا رىقابەتكە قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.

       ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي مۇقىملىققا موھتاج. شۇڭا ‹‹ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنى تەڭ تۇتۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم. بۇنىڭدا سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈم تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ قانۇن – تۈزۈم ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم قانۇننى بىلىدىغان، ھەممە ئادەم قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇندىن پايدىلىنالايدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

    (ئاپتور: مەكىت ناھىيەلىك پارتىيە مەكتىپىدىن)