مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئاممىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى

    مەۋلۇدە2016-02-03 17:02:25تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

            ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك زال ئىچى ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيى 8-يانۋار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، بۇ يەردە پۇتبول، ۋاسكېتبول ئويناۋاتقانلارمۇ، تۈرلۈك چالغۇلارنى چېلىپ رىپېتىتسىيە قىلىۋاتقانلارمۇ بار ئىدى. بۇ يەرنىڭ خىزمەتچى خادىمى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يەردە كۈندە تۈرلۈك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.

        مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ھەممە يېزا، بازارلىرىدا مەدەنىيەت ئەترىتى، چەۋەندازلار ئەترىتى، ۋاسكېتبول، پۇتبول، ۋالىبول كوماندىسى قاتارلىق ئاممىۋى ئۆمەك- ئەترەتلەر بار بولۇپ، پائالىيەت مەزمۇنى مول، خىلمۇ خىل بولۇپ ھەممە ئائىلىلەرگىچە ئومۇملاشقان.

        موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جولدىباي جىرغالىباي مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق، مۇقىم، خەلقى باي كۈچلۈك ناھىيە، ئېكولوگىيەسى گۈزەل موڭغۇلكۈرە بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك ئىدىيە كاپالىتى ، جامائەت پىكرى مەدىتى، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىن ئەتتى.

        موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، كەنتلەردە كەنت تارىخ سارىيى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ يىل يەنە كەنتلەرنى ئۆزگىچە پارتىيە تارىخىي سارىيى، كەنت تارىخ سارىيى، كەنت تارىخ تېمى، مەدەنىيەت كارىدورى، مەدەنىيەت مەيدانى قۇرۇشقا داۋاملىق يېتەكلەپ، دۆلەت ئېڭى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە ئائىلە مەسئۇلىيەت ئېڭى تەربىيەسى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى ۋە ئېڭىنى ئۆستۈرىدىكەن؛ مۇنەۋۋەر تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقى ۋە ئادىمىيەت بايلىقى قىزىپ، رەتلەپ، تۇلپار مەدەنىيەت مۇزېيى، شوتا قەدىمىي يول مۇزېيى، قازاق مىللىتىنىڭ ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت سارىيى، زىيالىي ياشلار سارىيى قاتارلىق ئۆزگىچە مەدەنىيەت مەيدان – سارايلىرى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، شىنيۇ باغچىسى تىلەك مەدەنىيىتى، دىن ئىناقلىق مەدەنىيىتى، قەدىمىي قۇرۇلۇش مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى تىندۇرمىلىرىنى قىزىپ، ساياھەت، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تېخىمۇ جاللاندۇرىدىكەن.

        بۇ ناھىيە بۇ يىل 12 ئەدەبىيات-سەنئەت ئەترىتى، 36 تەنھەرىكەت كوماندىسى، 50 مەمۇرىي كەنتتىكى چېنىقىش مەيدانلىرىنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى دائىمىيلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن؛ ئەل ئىچى مەدەنىيەت ۋارسلىرىنى تەربىيەلەپ، ئەل ئىچى مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىدىكەن؛ «بازار» تەشۋىقات مەدەنىيەت بازا قۇرۇلۇشى، كىتاب ئىشكاپى قۇرۇلۇشى ۋە يېزا، كەنت تەشۋىقات قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

        ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ناھىيە ئاممىۋى ساغلاملىق ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، 100 نەپەر تەنھەرىكەت يېتەكچىسى، 100 نەپەر رېپىر، چەۋەنداز، ئات كۆندۈرگۈچى، مۇسابىقە رىياسەتچىسىنى تەربىيەلەيدىكەن. ئېگىزلىك تەنتەربىيەسى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قار –مۇز، پۇتبول، ۋېلىسىپىت، چەۋەندازلىق قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قار- مۇز، پۇتبول، چەۋەندازلىق تەنھەرىكىتىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن باشلاپ تۇتۇش، ۋېلىسىپىت تۈرلىرىنى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.