مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    بورتالا ئوبلاستىدا خۇسۇسىي كارخانىلار تېزلىكتە يۈكسەلدى

    مەۋلۇدە2016-02-03 16:23:17تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

          ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى: سودا-سانائەت تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سودا-سانائەت تىزىملاش ئىسلاھاتىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى تېزلىكتە ئىلگىرى سۈردى. رويخەتكە ئېلىنغان مەبلەغنى تىزىملاش، ئالدىن تەستىقلىنىدىغان ئىشلارنى كېيىن تەستىقلاشقا ئۆزگەرتىش، ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىش بېجىرىش سۈرۈكىنى قىسقارتىپ، ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇردى. ھازىرغا قەدەر ئوبلاست بويىچە رۇيخەت ئېلىنغان خۇسۇسى كارخانا 3466 گە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.2، رۇيخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 14 مىليارد 467 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.9 ئاشتى. خۇسۇسى كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقانلار 14801 كىشىگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.4 ئاشتى.