مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    قاراقاش ناھىيەسىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى

    مەۋلۇدە2016-02-03 16:16:03تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

         ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇجېلىل ئابدۇللا خەۋىرى: يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە بولغان باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يىمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىدە ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، كەڭ ئاممىنىڭ چاغاننى خۇشال-خۇرام، بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،قاراقاش ناھىيەسى يېقىندا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، ناھىيە بويىچە يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.

        بۇقېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى بايرامدا كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان ئاشلىق، ماي، گۆش، توڭلىتىلغان يېمەكلىك، ھاراق، قۇرۇق مېۋە-چىۋە، شېكەر قاتارلىق ئىستېمال بۇيۇملىرى ئاساس قىلىنىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتى، تىجارەت ئورنىنىڭ تازىلىق ئەھۋالى، كىرگۈزۈلگەن تاۋارلارنىڭ تىزىملىنىشى، يېمەكلىكلەرنىڭ ئوراپ قاچىلىنىشى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى قاتارلىقلار نوقتىلىق تەكشۈرۈلدى. يېمەك-ئىچمەكنىڭ كىلىش مەنبەسى تەپسىلىي ئىگەللىنىپ، يېمەك-ئىچمەك خام ماتېرىياللىرىنىڭ لاياقەتلىك ياكى لاياقەتسىزلىكى، پىشىقلاپ ئىشلەش جەريانىنىڭ ئۆلچەملىك ياكى ئۆلچەمسىزلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار تەپسىلىي خاتىرلەندى. تەكشۈرۈش جەريانىدا ئازساندىكى بىر قىسىم ئورۇنلاردا ساقلانغان كىرگۈزۈلگەن خام ماتېرىياللارنىڭ كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولماسلىق، يېمەك-ئىچمەكتىن ئەۋرىشكە قالدۇرماسلىق قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنىدى ھەمدە نەق مەيداندا مۇناسىۋەتلىك سەككىز ئورۇنغا قارىتا نازارەت قىلىش پىكىرنامىسى چۈشۈرۈلۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلدى.