مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    كۇچا ناھىيەسى 100 توننا زاپاس گۆشنى بازاردا سالدى

    مەۋلۇدە2016-02-03 15:37:37تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرىمانگۈل داۋۇت خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى 2-فېۋرالدىن 6-فېۋرالغىچە شەھەر رايونىدىكى ئالتە نۇقتىدا زاپاس گۆش سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەرزان بولغان گۆش بىلەن تەمىنلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ چاغاننى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە ياخشى ئاساس سالدى .

        ئاھالىلارنىڭ سېتىۋېلىشىغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئىلگىرىكى مۇقىم زاپاس گۆش سېلىش نۇقتىسىدىن سىرت يەنە، شەرقىي چوڭ ئېقىن ۋە بىرىنچى ماي يولى مەيدانىنىڭ ئالدىدىكى ئادەم زىچ توپلاشقان جايدا ۋاقىتلىق ئىككى نۇقتا تەسىس قىلدى. گۆشنىڭ ھەر كىلوسى 34 يۈەن بولۇپ بازار باھاسىدىن 7يۈەندىن 10يۈنگىچە ئەرزان.