مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    چاپچال ناھىيەسىدە يېڭىچە سانائەتلىشىش مۇقىم تەرەققىي قىلدى

    مەۋلۇدە2016-02-03 13:26:13تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

          ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: مۇخبىر 13-يانۋار چاپچال ناھىيە فوتوۋولتلۇق 1- ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا تېخنىكلارنىڭ ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى كۇ زۇڭچۈەن مۇنداق دېدى: ئىستانسىمىز 2015- يىل 3-دېكابىر رەسمىي تورلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى، ھازىر تەڭشەش باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئومۇميۈزلۈك تەڭشەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. كارخانىمىز 2014 – يىلى چاپچال ناھىيەسىگە ماكانلاشقان بولۇپ، 1- قارارلىق قۇرۇلۇشقا 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان، شۇ يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 28 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

        ئىگىلىنىشچە، چاپچال ناھىيەسى 2015-يىلى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، مەركەزنىڭ يىپەك يولى ئىقىتساد بەلبېغىدىكى يادورلۇق تايىنىش نۇقتىسى قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق خىزمەت، مۇھىم كەسىپ، زور تۈرلەرنى باشلامچى، بەش چوڭ كەسىپنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، تەرەققىياتنى تېزلەتتى. 2015- يىل يانۋاردىن نويابىرغىچە  چاپچال ناھىيەسىنىڭ يېزا ۋە يېزىدىن يۇقىرى سانائەت مەھسۇلات ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 92 مىليون 264 مىڭ يۈەنگە، ئورۇندالغان سانائەت قوشۇلما قىممىتى 196 مىليون 322مىڭ 800 يۈەنگە ، ئۈچ چوڭ سانائەت تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليارد 300 مىليون 460 مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان، ۋەزىپىسىنى تاماملىغان؛ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى 16 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن؛ سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 61 گە، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 2مىليارد 400 مىليونغا يەتكەن، يېڭىدىن كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر46 گە، سانائەت رايونىغا ماكانلاشقان كارخانىلار 15 كە، ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

        چاپچال ناھىيەسى بۇ يىل ۋە «13- بەش يىل» مەزگىلىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بەش چوڭ قۇرۇلۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەسىپ بازىسى بەرپا قىلىپ، سانائەت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ، زامانىۋى كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ۋە يانداشما كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار مۇھىت ئاسراش، ماشىنا- جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئىقىتسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بۇ يىل يېزا ۋە يېزىدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى 334 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ٪40 ئاشۇرىدۇ؛ چوڭ- چوڭ سانائەت تۈرلىرىگە 2 مىليارد يۈەن، سانائەت رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى.

        چاپچال ناھىيە يىنەن سانائەت رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو جيەنرۇڭ مۇنداق دېدى: چاپچال ناھىيەسى بۇيىل چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، «قۇياش، ئاي، يۇلتۇز، مەرۋايىت» كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى زورايتىپ، سانائەت رايونىنىڭ قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، سودىگەر مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىدۇ.

        ئىلى گاۋ گۇۋاڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى 2011- يىلى يىنەن سانائەت رايونىغا ماكانلاشقان، بۇ كارخانا نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق بەلگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى شەكىللەندۈردى. بۇ كارخانا2015 – يىلى ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ،16 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن ئالتە تۈرنى كۆپەيتتى، بۇنىڭ ئىچىدە LED يورۇتۇش ئەسۋابلىرى تۈرى ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق جايلارنىڭ بۇ ساھەدىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى.