مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى 32 مەكتەپ شىنجاڭغا كىلىپ سەنئەت كەسپىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

    ئايگۈل2016-02-02 18:31:36خەلق تورى

         2016-يىلى شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى 32 مەكتەپ شىنجاڭدا ئىمتىھان نۇقتىسى تەسسىس قىلىپ، سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەردىن ئىمتىھان ئالىدۇ.1- فېۋرال مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئىگىلىشىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نەق مەيداندا تىزىملىتىش ۋە كەسپىي ئىمتىھان ۋاقتى 24- فېۋرالدىن 4-مارتقىچە بولىدىكەن، ئىمتىھان ئورنى بىر تۇتاش شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلىنىدىكەن.

      بۇ 32 مەكتەپنىڭ ئىچىدە، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن چۇڭچىڭ پوچتا-تېلېگراف تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت ئىككى تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدىكى مەكتەپ، چىڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، خۇبېي سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى قاتارلىق توققۇز تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمدىكى مەكتەپ، پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلىم-پەن ئەخلاق ئىنستىتۇتى، سىچۈەن سودا-سانائەت ئىنستىتۇتى قاتارلىق 21 تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمدىكى مەكتەپ بار ئىكەن.

      ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بۇ 32 مەكتەپنىڭ شىنجاڭدا تەسىس قىلغان ئىمتىھان ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلى ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسا، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى(http://www.xjzk.gov.cn)دىن تەكشۈرسە بولىدۇ.