مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    باي ناھىيەسىدە 25 نەپەر ئوقۇغۇچى «مېھرى-شەپقەت ئوقۇش ياردەم پۇلى»غا ئېرىشتى

    مەۋلۇدە2016-02-01 16:27:54تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: 29-يانۋار، باي ناھىيە قاراباغ يېزىسىدىكى 25 نەپەر ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىملار ئارقىلىق 7500 يۈەن «مېھرى-شەپقەت ئوقۇش ياردەم پۇلى»غا ئېرىشتى.

        ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى «مېھرى-شەپقەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» مەبلىغىنى شىنجاڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش جامائەت پاراۋانلىقى ئىتتىپاقى مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بەرگەن بولۇپ، ياردەم بېرىش ئوبيېكتى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ئارقىدا قالغان، نامرات، يېزا تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە، ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى ئالەمدىن ئۆتكەن ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى مېيىپ، تۇرمۇشى نامرات ئوقۇغۇچىلار، بۇ 25 نەپەر ئوقۇغۇچى ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي دەرىجىمۇدەرىجە تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن. ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 300 يۈەن ئىكەن.