مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    مەركەز مالىيەسىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش-تۈزەش مەخسۇس تۈر مەبلىغى يىلسېرى ئاشماقتا

    ئايگۈل2016-01-22 18:47:01خەلق تورى

       مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش-تۈزەش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جيەن 21-يانۋار، 2013-يىلى گوۋۇيۈەن «ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش-تۈزەش ھەرىكىتى پىلانى»نى بېسىپ تارقاتقاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى تارماقلار ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. مەركەز مالىيەسى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش-تۈزەش مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىپ، زور كۈچ بىلەن قوللىدى.

      ۋاڭ جيەن، «2013، 2014، 2015-يىلى ئايرىم ھالدا بەش مىليارد، 9 مىليارد 800 مىليون، 10 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، 2016-يىللىق مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن بەش مىليارد يۈەننى ئالدىن چۈشۈردى. مەركەز مالىيەسىنىڭ <پىشاڭ>رولى بارغانچە گەۋدىلىك بولدى، مەسىلەن 2014-يىلى جەمئىي 300مىليارد يۈەن جەمئىيەت مەبلىغىگە تۈرتكە بولدى، كۆپ قۇتۇبلىق مەبلەغ سېلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى»، دېدى.