مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەملىكەت

    دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسىنى شاللاپ چېكىندۈرۈش مېخانىزمى يولغا قويۇلدى

    ئايگۈل2016-01-19 18:09:58جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

        دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى يېقىندا ئايرىم-ئايرىم مەمۇرىي ئىجازەت قارارى چىقىرىپ، فۇجيەن لوڭخۇ تېغى، گۇاڭدۇڭ دوڭخەي ئارىلى، خېبېي شىفۇ قاتارلىق ئۈچ دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسىنى بىكار قىلدى. بۇ ــ دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسىنى شاللاپ چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

        ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدە بىكار قىلىنغان ئۈچ دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى ئۇزۇن مۇددەت بەلگىلىمە بويىچە تۈزمىگەن ياكى تۈزىتىش كىرگۈزمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇيرۇق بويىچە تەرتىپكە سېلىشىمۇ تەلەپكە يەتمەي، دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالمىغان.

        ئورمان باغچىسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى بۇندىن كېيىن دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى داۋاملىق چىڭ تۇتۇلىدۇ دېدى.