مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر يول بىر بەلباغ

    ئېلىمىز ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان گۇۋاھلىق بېرىش، ئېتىراپ قىلىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

    ئامانگۈل2015-06-29 10:38:27شىنجاڭ گېزىتى

       شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى. دۆلەت گۇۋاھلىق بېرىش، ئېتىراپ قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا بېيجىڭدا ‹‹<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىدا گۇۋاھلىق بېرىش، ئېتىراپ قىلىش مۇلازىمىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى››نى ئېلان قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا ماس كېلىدىغان گۇۋاھلىق بېرىش، ئېتىراپ قىلىش ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى.

       گۇۋاھلىق بېرىش، ئېتىراپ قىلىش خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان سۈپەت باشقۇرۇش ۋاسىتىسى ۋە سودىنى قولايلاشتۇرۇش قورالى بولۇپ، دۆلەتلەر ئارا ئىشىنىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا، سودا، تېخنىكا توسۇقىنى ئازايتىپ، سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. گۇۋاھلىق بېرىش، ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆتكەن خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تەكرار تەكشۈرۈش، تەكرار گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، سودا تەننەرخى ۋە خېيىم – خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ‹‹چىقىرىش›› ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بەرگىلى بولىدۇ.

       دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گۇۋاھلىق بېرىش، ئېتىراپ قىلىشنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈن داۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 3 – ئايدا دۆلىتىمىز ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز ئارا گۇۋاھلىق بېرىش، ئېتىراپ قىلىشنى دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلدى.

       بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ھەمكارلىق تەشەببۇسىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ساھەسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش، ئېتىراپ قىلىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. ھەمكارلىقتا، بىرىنچىدىن، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي ئالاقە ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامۇۋاپىق، بىھۇدە توسالغۇدىن ساقلىنىش؛ ئىككىنچىدىن، گۇۋاھنامىنى خەلقئارادا ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەزى ساھەلەردە ‹‹بىر ئۆلچەم، بىر گۇۋاھنامىنى ئورتاق قوللىنىش››نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش، ئېتىراپ قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ ئىقتىساد – سودىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەكشۈرۈش، گۇۋاھلىق بېرىش بازىرىنى ئېچىۋېتىشىگە مەدەت بېرىش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان.

       گۇۋاھلىق بېرىش، ئېتىراپ قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلىتىمىز گۇۋاھلىق بېرىش، ئېتىراپ قىلىش مۇلازىمىتىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى خەلقئارا ياكى رايون خاراكتېرلىك 20 ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاتنىشىپتۇ، 2014 – يىلى 28 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپتۇ. دۆلىتىمىز تارقاتقان گۇۋاھلىق بېرىش، ئېتىراپ قىلىش گۇۋاھنامىسى، تەكشۈرۈش دوكلاتى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ بازار ئىجازىتى ئىسپاتىغا ئايلىنىپتۇ.