مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر يول بىر بەلباغ

    سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرەيلى

    ئامانگۈل2015-06-05 12:03:37شىنجاڭ گېزىتى

    2015–يىللىق مەملىكەت بويىچە سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

     جاڭ چۈنشيەن مېي كېباۋ بىلەن كۆرۈشتى

        ياۋ تۇڭ، لى چۈنشيا، خاسىيەت جۈمە خەۋەر قىلىدۇ: 2015 – يىللىق مەملىكەت بويىچە سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 3 – ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىلىپ، 2011 – يىلىدىن بۇيانقى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەندى ۋە خۇلاسىلەندى، سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ يېڭى باسقۇچلۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

       ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 2 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە كارانتىن – پىرىيوم باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مېي كېباۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

       جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بىر قانچە يىلدىن بۇيان، سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا، دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە كارانتىن – پىرىيوم باش ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ‹‹غەربىي رايوندا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش، ئوتتۇرا ئاسىيانى قاپلاش، ئادەتتىكىدىن ئۈستۈن تۇرۇش››تىن ئىبارەت كونكرېت نىشاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادەم، مالىيە ۋە ماددىي كۈچ جەھەتتە شىنجاڭغا مايىللىشىپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنى قوللاپ، سۈپەت تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى روشەن ئۆستۈردى. دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە كارانتىن – پىرىيوم باش ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانا ۋە رايون مەركىزى تەجرىبىخانىسى قۇرۇشىنى داۋاملىق قوللىشى؛ ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار، ئىدىيەسى يېڭى، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ، شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن سۈپەت تەكشۈرۈش مەركىزى بەرپا قىلىشى؛ شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشىنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات ئۆلچىمىنى بېكىتىش جەريانىدا ئۇچرىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى؛ ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، تەربىيەلەش ۋە ئالاقە خىزمەتلىرىنى كۆپرەك قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

       مېي كېباۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تۇنجى باسقۇچلۇق شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسى تاماملىنىدۇ، 2016 – يىلىدىن باشلاپ، سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويىدۇ. سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كېلىشىمىدىكى مەزمۇنلارنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايلىقنى يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. چېگرا، پورتلارنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىر تۇتاش ئۆلچەمنى كېڭىشىپ بېكىتىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەكشۈرۈش مەركىزى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭنى ئادەم، مالىيە ۋە ماددىي كۈچ بىلەن قوللاپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ئاساس، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەبلەغ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى كاپالەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولىمىز.

       2015 – يىللىق مەملىكەت بويىچە سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇنداق دېيىلدى: مەملىكەت بويىچە سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇشەققەتلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىدۇ؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىغا ساھەلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۈر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، كادىرلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۇزاقتىن بۇيان توپلانغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.

       ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي 2015 – يىللىق مەملىكەت بويىچە سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

       يىغىندا 2015 – يىللىق سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.

       بەي جىجيې، ما شۆجۈن، مۇتەللىپ قاسىم قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.