مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر يول بىر بەلباغ

    يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بېرىش كېرەك

    ئامانگۈل2015-05-26 10:30:20شىنجاڭ گېزىتى

    شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

    يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بېرىش كېرەك

        لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 25 – ماي شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسى مەركەزنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىن ئۆتكەلللەرگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزدا باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت ئۈچۈن لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشى كېرەك.

       شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پاكىز ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە قۇرغان نۇقتىلىق تەجرىبىخانا (نانو تېخنىكىسى)، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات يۇرتى، بوستانلىق ئېكولوگىيەسى بويىچە ئۆلكە ۋە مىنىستىرلىق بىرلىكتە قۇرغان نۇقتىلىق تەجرىبىخانا ۋە شىنجاڭ كۆپ تىللىق ئۇچۇر تېخنىكىسى بويىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى.

    شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 90 يىللىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىگىلىكلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش جەھەتتە مول تەجرىبىلەرنى توپلاپلا قالماستىن، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەۋاتقان، دەۋر روھىغا ئىگە، پەن تۈرلىرى تولۇق، ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكى روشەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دەۋر روھىنى نامايان قىلىپ، ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشى؛ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ، پەن تەتقىقات نەتىجىسىنى ئەمەلىي ئۈنۈمكە ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىشى؛ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى؛ ئۆزىنىڭ ئورنى، رولى ۋە مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى غەربىي رايون بويىچە ئىلغار، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقئاراغا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە تېخىمۇ پۇختا قەدەم ئېلىش كېرەك.

       شۆھرەت زاكىر: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ خىزمىتىگە باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە قوللاپ، مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى. مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، 12 – بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى، دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مائارىپ خىزمىتىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانى، ئومۇمىي تەلىپى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، ئىلمىي پىلانلاپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىدىيە – سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىستېمىسى ئارقىلىق دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. مائارىپ سىستېمىسى ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇشنى باش تېما قىلغان تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، دىن ئەسەبىيلىرى ۋە ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى چىرىتىشىدىن قەتئىي مۇداپىئەلىنىشى؛ ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئىدىيە – سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەردە تۈرلۈك شەكىللەردە مول مەزمۇنلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردا جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق بىر گەۋدە ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم كۈچكە ئايلاندۇرۇشى؛ ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى مائارىپ يۇمشاق ماتېرىيال قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە قارىتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى؛ قوش تىللىق ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى پائال، مۇقىم، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

       ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.