مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    بالىلاردىكى مەددە قۇرت كېسەللىكىنى داۋالاش

    مەۋلۇدە2017-08-08 13:28:18تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     

     بالىلاردىكى مەددە قۇرت كېسەللىكى يېمەك-ئىچمەك ۋە شەخسىي تازىلىققا رىئايە قىلماسلىقتىن، يېمەكلىك ماددىلىرى بىلەن ئۈچەيگە كىرگەن مەددە قۇرت تۇخۇمىنىڭ مەددىگە ئايلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇزۇنلۇقى بىر سانتىمېتىر بولغان قىلدەك ئىنچىكە مەددە چوڭ تەرەت بىلەن چىقىش، سوڭى قىچىشىش، قورساق ئاغرىش، كېچىسى بىئارام بولۇپ ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

     بۇنى داۋالاشتىكى رېتسېپ: ھەشقىپىچەك ئۇرۇقى ۋە تۇربۇتتىن 20 گىرام، سەبرىدىن ئالتە گىرامنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ. كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ (دورا ئىستېمال قىلىنىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا سۈرگە دورىسى ئىستېمال قىلىش كېرەك).

     «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.