مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    تويۇنمىغان راك كىسلاتاسى سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

    مەۋلۇدە2017-08-04 16:21:51تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     

       مۇيەسسەر ئابلىمىت

        تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋىراچى مىن ۋۇ قانداق يېمەكلىكلەر تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولىدۇ، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ يەنە قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار، دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

        -تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ھەقىقەتەن ئاياللارنى ئۆمۈرلۈك مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدۇ، بولۇپمۇ بېلىق يېغى، زىغىر يېغى، ياڭاق تەركىبىدە «ئومىگا-3» تىپلىق تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول. ئۇ ئاياللاردىكى سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ. بېلىق يېغى كاپسۇلى ۋە ياڭاقنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرگەندە «ئومىگا-3» تىپلىق تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، گۆش، تۇخۇم، دانلىق زىرائەت، بولكا ۋە كۆپ قىسىم ئۆسۈملۈك يېغى تەركىبىدە «ئومىگا -6» تىپلىق ياغ كىسلاتاسى، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات، قىچا يېغى، باقىلە(دادۇر)، تۇنا بېلىقى، سالمۇن بېلىقى قاتارلىقلار تەركىبىدىمۇ «ئومىگا-3» تىپلىق ياغ كىسلاتاسى مول بولىدۇ.

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.