مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    سۈت پاراشوكىنى ساقلاش ئۇسۇلى

    مەۋلۇدە2017-07-24 12:16:12شىنجاڭ گېزىتى

    ياسىنجان توخنىياز

     سۈت پاراشوكى تەركىبىدىكى بىر قىسىم ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ھاۋادا ئاسان ئوكسىدلىنىدۇ ھەم تېز نەم تارتىپ، ئۇششاق مونەكچە بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بۇ خىل سۈت پاراشوكىنى تەڭشىگەندە غەيرىي پۇراق، يەنى ھاراق، بېلىق پۇرىقى بار بولسا، بۇ سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۈ.

     سۈت پاراشوكىنىڭ نەم تارتىپ بۇزۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سۈت پاراشوكى سېتىۋالغاندا، بەك چوڭ ئورالمىلىقىنى سېتىۋالماسلىق، ئاغزى ئېچىلغاندىن كېيىن بىر ئاي ئىچىدە ئىشلىتىپ بولۇش كېرەك. قۇتىلىق سۈت پاراشوكىنىڭ ئىچىگە بىر نەچچە تال قەنت سېلىپ قويغاندا ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ، قەنتنىڭ نەملىكنى سۈمۈرۈش رولى بار. تۆمۈر قۇتىلىقلىرىنىڭ ئاغزىنى ھەر قېتىم ئىشلەتكەندە ھىم ئېتىپ، قۇتىنى دۈم قىلىپ قويۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا سۈت پاراشوكىنىڭ ساقلاش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ. خالتىلىقلىرىنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاغزىنى ھىم ئېتىپ ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا ساقلاش كېرەك، توڭلاتقۇدا ساقلاشقا بولمايدۇ. بەزىلەر سۈت پاراشوكىنى ئەينەك قاچىغا تۆكۈپ ساقلايدۇ. ئەينەك قاچىدا ساقلىغاندا ئەڭ ياخشىسى رەڭلىك ئەينەك قاچىدا ساقلىغان ياخشى. سۈزۈك ئەينەك قاچىدىن نۇر ئۆتۈپ كېتىدۇ، سۈت پاراشوكىغا نۇر ئۆتۈپ كەتسە، تەركىبىدىكى ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر زىيانغا ئۇچرايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.