مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئائىلە ۋە نىكاھ

    تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا سەل قارىماڭ

    مەۋلۇدە2017-07-17 12:17:17شىنجاڭ گېزىتى

    ياڭ گويىڭ

     ئائىلە بىلەن كەسىپنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش خىزمەتچىلەر، بولۇپمۇ خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار ئۈچۈن ئورتاق تېما. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، %60 ئانا جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، خىزمەتتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ، ئۆيدە ئائىلە ئايالى بولۇشنى خالىمايدىكەن. بۇ ئاياللار ئائىلىسى ۋە بالىلىرىنى ياخشى كۆرمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇلارنىڭ بارلىق ئەندىشىلىرىنىڭ مەنبەسى ئائىلە بىلەن خىزمەت ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ‹‹بىر تەرەپكە ئېغىپ كېتىپ››، تۇرمۇشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەش، خالاس.

     ئاياللارنىڭ ئەندىشىسى ئورۇنسىز ئەمەس. ئاتىلارنىڭ ئائىلىدىكى رولىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كېتىشى بىلەن ئانىلار ئائىلىدىكى كۆپ قىسىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماقتا، بولۇپمۇ پەرزەنت تەربىيەسىدە بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ روشەن بولماقتا. بالىلارنى ئۆگىنىش قىلىشقا يېتەكلەش، ئۇلارنى ھەر خىل كۇرسلارغا ئاپىرىش، ئاتا – ئانىلار يىغىنىغا قاتنىشىش قاتارلىقلار ئاساسەن ئانىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن، ئاتىلارنىڭ بۇ جەھەتتە سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى ۋە زېھنى نىسبەتەن ئاز، بەزى ئاتىلار، ھەتتا بۇ مەسئۇلىيەتتىن ئۇزاق مەزگىلگىچە مۇستەسنا بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدىكى رولىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى بىر قاتار مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تورغا خۇمار بولۇپ قالغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ %90تىن كۆپرەكى ئاتا مېھرىدىن مەھرۇم قالغانلار ئىكەن، بۇ، كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئاتا مېھرىنىڭ كەمچىل بولۇشى توغرىسىدا توردا: ‹‹نېمىشقا ھەممەيلەن ئاتا مېھرى تاغ كەبى، دەپ تەرىپلىشىدۇ، چۈنكى تاغ ھەر ۋاقىت ئۆز ئورنىدا يۆتكەلمەي تۇرىدۇ›› دېگەن گەپ كەڭ تارقالدى، بۇ ئەلۋەتتە قىزىقچىلىق قىلىپ دېيىلگەن سۆز، ئەمما يەنىلا كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىدىغان رېئاللىق. بىرىنچى سەپتە ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىدا ئاتا – ئانىلار يىغىنى ئاساسىي جەھەتتىن ‹‹ئانىلار يىغىنى›› دېگەن قاراش مەۋجۇت. يېقىندا مەلۇم جايدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ سىنىپ مۇدىرى ‹‹ئاتىلار يىغىنى›› ئاچىدىغانلىقىنى ئېنىق ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، يىغىنغا يەنىلا نۇرغۇن ئانا كەلگەن. ئاتا – ئانىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدىكى رولىنىڭ تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىشى بالىلارغا ئۈن – تىنسىز پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     ھازىر نۇرغۇن بالا ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ زىيادە ئېغىرلىقىدىن ئاغرىنماقتا، چۈنكى ئۆگىنىشنىڭ يۇقىرى سالماقنى ئىگىلىشى ئۆگىنىش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش ئارىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىپ، بالىلارنى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلماقتا. ئىمتىھان نەتىجىسىنى زىيادە تەكىتلەيدىغان بەزى مەكتەپلەرمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ گۇمانىي نەزەر بىلەن قارىشىدىن مۇستەسنا بولالمايۋاتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما بالىلارنىڭ بېسىمى چەكتىن ئېشىپ كەتسە، جىسمانىي ۋە روھىي تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، بالىلار بېسىمغا چىدىماي ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ دەرستىن قېچىشى، ئوقۇشتىن زېرىكىشى ۋە مەۋھۇم تور دۇنياسىغا مەھكۇم بولۇشىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەلۇم تەڭپۇڭلۇقنى ئىزدىشى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. خۇددى پىسخىكا مۇتەخەسسىسى ئېيتقاندەك: ‹‹سىز بالىڭىزنىڭ ئارام ئېلىشىغا رۇخسەت قىلمىسىڭىز، بالىڭىز ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ئارام ئالىدۇ››. ئەمما قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار ئەقلىي ۋە پىسخىكا جەھەتتىن پىشىپ يېتىلمىگەچكە، ئۇلار بىر خىل تەڭپۇڭسىزلىقتىن يەنە بىر خىل تەڭپۇڭسىزلىققا كىرىپ قالىدۇ. يېقىندا چەت ئەلنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئازدۇرىدىغان تور ئويۇنى دۆلىتىمىزگە كىرىپ، بىر قىسىم ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قىزىقتۇرۇپ، تاراتقۇلارنىڭ ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىدى. بۇ خىل تور ئويۇنىنى ئەلۋەتتە چەكلەش كېرەك. ئەمما قانداق قىلىپ بۇ بالىلارنى جىسمانىي ۋە روھىي تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشتۈرۈش توغرىسىدا ئويلىنىشىمىزمۇ زۆرۈر. يىلدا بىر ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئون نەچچە يىل باش چۆكۈرۈپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىپ بولۇپ، يازلىق تەتىلگە چىققان ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئۆگىنىش بېسىمى يېنىكلەپ، نىشاندىن ئېزىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قېلىش نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ ئورتاق ھالىتىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ئىلگىرىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلغانلىقى، يېڭى تەڭپۇڭلۇقنىڭ تېخى شەكىللەندۈرۈلمىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. يېقىندا تاراتقۇلار ئالىي مەكتەپتىكى ياتاقداشلار مەسىلىسىگە قايتا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياتاقداشلارنىڭ ‹‹خەتەرلىك تونۇشلار››دىن بولۇپ قالماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالىي مەكتەپتىكى ياتاقداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ نازۇك بولۇشى، مەسىلىنىڭ كۆپ كۆرۈلۈشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى رول جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ھەممە ئادەمنىڭ تەڭپۇڭلۇقنى ئىگىلەش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ، ھالبۇكى، بۇ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە كەلگۈسىدىكى كەسىپ تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

     ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى تەڭپۇڭلۇقنى تېپىشىغا ياردەم بېرىش ئۇلارنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى. 90 – يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئىستۇدېنتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچىلار دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان يېڭىچە تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. بەزى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى يېقىندا تاراتقۇلاردا ماقالە ئېلان قىلىپ، 90 – يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان يېڭى ئەۋلاد ئىستۇدېنتلارنى ‹‹تىرىشىپ چۈشىنىش، ئەمما ئەركىلەتمەسلىك›› كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ شۈبھىسىزكى، تەڭپۇڭلۇق يولىغا مۇناسىۋەتلىك كونكرېت ۋە نازۇك شەرھلەشتۇر.

     يېڭى ئەۋلاد ئىستۇدېنتلار ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، خىزمەتكە قاتنىشىپ، توي قىلىپ، بالىلىق بولغاندىن كېيىن يېڭى تەڭپۇڭلۇق، يەنى كەسىپ بىلەن ئائىلە، خىزمەت بىلەن تۇرمۇش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەممە نەرسە باشتىن تەكرارلىنىدۇ.

     مۇقەررەركى، تەڭپۇڭ بولمىغان مۇناسىۋەتنىڭ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى قىيىن، تەڭپۇڭ بولمىغان ھالەت ھامان بۇزۇلىدۇ، مەسىلىلەرنى تەڭپۇڭسىزلىق بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلى ۋە شەكلىنىڭ ئاسارەت پەيدا قىلىشى ئېنىق. مەلۇم دەرىجىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىشىلىك تۇرمۇش يولى تەڭپۇڭلۇق يولىدۇر، مائارىپ يولى تېخىمۇ شۇنداق.

    ‹‹جۇڭگو مائارىپ گېزىتى››دىن

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.