مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە سەل قارىماڭ

    مەۋلۇدە2017-07-17 11:47:02شىنجاڭ گېزىتى

    ياسىنجان توخنىياز

     ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى ياشلارۋە ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېقىننى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %21؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېقىننى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %48؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېقىننى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %72 بولۇپ، يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلار بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە، كۆزەينەكنىڭ گىرادۇسى بارغانسېرى يۇقىرىلىماقتا.

     يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى: %90 ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەردىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى مۇھىت كەلتۈرۈپ چىقارغان. ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇش يۈكىنىڭ ئېغىر بولۇشى، كىتاب كۆرگەندىكى ھالىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى كۆز ئالمىسىنى چارچىتىپ، كىرپىكسىمان مۇسكۇل ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ، كۆرۈش تەسۋىرىنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىگە توغرا چۈشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ تاشقى ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.

     ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، كۆرۈش گۇرۇپپىسىدىكى مېتابولىزم (ماددا ئالماشتۇرۇش) نورمالسىزلىشىپ، كۆزدە پەيدا بولغان كېرەكسىز ماددىلار سىرتقا چىقىرىۋېتىلمەي، ئوزۇقلۇق ۋاقتىدا تولۇقلىنالمايدۇ – دە، كۆرۈش گۇرۇپپىسىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىچكى ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

     يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئىچىدە كۆزگە ئاق چۈشۈش، تىراخوما قاتارلىق كېسەللەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. يۇقىرى گىرادۇسلۇق يېقىننى كۆرەلمەسلىك ئاسانلا كۆزگە ئەينەكسىمان دۇغ چۈشۈش، كۆرۈش تور پەردىسىدىن قان چىقىش ۋە كۆرۈش تور پەردىسى چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     يېقىننى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن:

     بىرىنچى، كۆرۈش، يېزىشتىكى قىياپەتكە دىققەت قىلىش كېرەك. كۆزگە چۈشىدىغان نۇر بەك كۈچلۈك ياكى بەك ئاجىز بولماسلىق، كۆزنى بىر سائەتتە بەش – ئون مىنۇت ئارام ئالدۇرۇش، كۆز گىمناستىكىسىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ بېرىش، يېتەرلىك ئۇخلاش، تەنتەربىيە ۋە دالا پائالىيىتىگە كۆپرەك قاتنىشىپ بېرىش كېرەك.

     ئىككىنچى، ئوزۇقلۇققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭدا ئاقسىل، ۋىتامىن قاتارلىقلارنى تولۇقلىغاندىن سىرت يەنە كالتسىي، سىنك، خىروم قاتارلىق ئېلېمېنتلارنىمۇ تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. كالا سۈتى، بېلىق، تۇخۇم سېرىقى، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسىمۇ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە پايدىلىق. قىزىلمۇچ قاتارلىق غىدىقلىغۇچى خاراكتېرگە ئىگە كۆكتاتلارنى ئازراق ئىستېمال قىلىش كېرەك.

     ئۈچىنچى، كۆز تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كۆزنى قول بىلەن ئۇۋۇلىماسلىق، كۆزگە قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىك، قالايمىقان كۆزەينەك تاقىماسلىق، دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش ياكى كۆزەينەك سېتىۋېلىش كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.