مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    ياخشى نەتىجىنىڭ ئۆزىلا بىر خىل مۇكاپات

    مەۋلۇدە2017-07-17 11:45:49شىنجاڭ گېزىتى

    گۈلبىرا ئابدۇراخمان

     بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلسەم، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئوغلۇم مەندىن ‹‹ئاپا، ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالسام، مېنى قانداق مۇكاپاتلايسەن؟›› دەپ سورىدى. مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنداق دەيدىغانلىقىنى سورىدىم، چۈنكى مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭغا ‹‹ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالساڭ مۇكاپاتلايمەن›› دەپ باقمىغانىدىم. ئۇ دەرھاللا باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ ئاپىلىرى ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالسا مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەنمۇ دەرھال ئۇنىڭغا ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالسا ئىنتايىن خۇشال بولىدىغانلىقىمنى، ئەمما مۇكاپاتلاشنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىمنى ئېيتتىم.

     مېنىڭچە، ياخشى ئۆگىنىشنىڭ ئۆزىلا بىر خىل مۇكاپات. ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولسا، ئۆزىمۇ، مۇئەللىملەرمۇ، ئاتا – ئانا، بوۋا – مومىلىرىمۇ خۇش بولىدۇ، بۇنچە كۆپ كىشىنى خۇشال قىلىشنىڭ ئۆزىلا بىر خىل مۇكاپات ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا تىل – ئەدەبىيات دەرسىدە نۇرغۇن يېڭى سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش، ماقالە ئوقۇش، ماتېماتىكا دەرسىدە قوشۇش، ئېلىش ئەمەللىرىنى بىلىش، مۇزىكا دەرسىدە يېقىملىق مۇزىكا رىتىمىدىن ھۇزۇرلىنىش، تەنتەربىيە دەرسىدە ساۋاقداشلىرى بىلەن سەكرەپ – تاقلاپ ئويناش، بېرىلىپ ئۆگىنىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ ئۆزىمۇ مۇكاپات ئەمەسمۇ؟

     قايسى بىر كىتابتا مۇنداق بىر ھېكايىنى ئوقۇغانىدىم: مەلۇم بىر مەھەللىدە ئون نەچچە ياشلىق بىر نەچچە بالا ئەخلەت ساندۇقىنى تېپىپ ئويناپ، كىشىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزۇپتۇ، چوڭلار شۇنچە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، قىلچە پايدىسى بولماپتۇ. مەھەللىدىكى بىر مويسىپىت كىشى ياخشى بىر ئامال ئويلاپ تېپىپتۇ – دە، بۇ بالىلارنى چاقىرىپ، ئۇلارغا كۈندە ئەخلەت ساندۇقىنى تېپىپ ئوينىسا، ھەربىرىگە بىر يۈەندىن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بالىلار ئىنتايىن خۇش بوپتۇ ھەم خۇشاللىقىدا ئۇدا بىر نەچچە كۈن ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئەخلەت ساندۇقىنى تېپىپ ئويناپتۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن مويسىپىت بالىلارنى چاقىرىپ، ئەمدى ئۇلارغا بىر يۈەندىن پۇل بېرەلمەيدىغانلىقى، پەقەت بەش مولا بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بالىلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھايىتى خاپا بوپتۇ ھەم بۇ مويسىپىتنىڭ ئەخلەت ساندۇقى تېپىشكە ئۆزى تەكلىپ قىلغان تۇرۇقلۇق، بۇنچە ئاز پۇل بەرگەنلىكىدىن نارازى بولۇپ، ئەمدى بۇ ئىشنى قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ھەم ئىككىنچىلەپ ئەخلەت ساندۇقىنى تەپمەپتۇ...

     ماددىي مۇكاپات ھەقىقەتەن قىسقا ۋاقىتتىلا بالىلارغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىپ، ئاتا – ئانىلارنى مەقسىتىگە يەتكۈزەلەيدۇ. ئۇنداقتا، بىز بالىلار ئارزۇلىغان مۇكاپاتنى بېرەلمىسەكچۇ؟ مۇكاپات بېرىلمەي قالسا، بالىلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ بۇلار بىز بالىلارنى ‹‹مۇكاپاتلايمەن›› دېيىشتىن ئىلگىرى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر.

     ئەگەر بالىلار ماددىي مۇكاپاتقا ئۆگىنىپ قالسا، مۇكاپات كۆڭلىدىكىدەك بولمىسا، بالىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى ئۇنى بەل قويۇۋېتىشكە ئۈندەيدۇ. ئەگەر بالا تىرىشىپمۇ ئاتا – ئانىسى تەلەپ قىلغان نىشانغا يېتەلمىسە، تېخىمۇ بېسىم ۋە چارچاش ھېس قىلىدۇ – دە، مۇكاپاتنى ئېلىشتىن ۋاز كېچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆگىنىشكە بولغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە قىزىقىشىنى يوقىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىلار مۇكاپات ئېلىش مەقسىتىدە ياخشى نەتىجىنى قوغلىشىش جەريانىدا، ئۆگىنىشتىكى خۇشاللىقنى ئەسلا ھېس قىلالمايدۇ. قىزىقىش بولمىغان ئۆگىنىش بالىلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ئازابلىق بىر ئىشقا، نەتىجە قازىنىشمۇ ئىنتايىن تەس بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

     شۇڭا بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقاندا ياكى ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالغاندا ‹‹بالام، سەندىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم›› دېسەكلا كۇپايە، بۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىغا، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشىغا پايدىلىق.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.