مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    مىننەتدارلىققا تولغان قەلب ئەڭ گۈزەل قەلبتۇر

    ئامانگۈل2017-07-14 17:33:07شىنجاڭ گېزىتى

    مۇيەسسەر خېلىل

     مىننەتدارلىق كىشىلەرنىڭ باشقىلاردىن ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتتىن، ئىشلاردىن رازىمەنلىك، سۆيۈنۈش ھېس قىلغاندا رەھمىتى، تەشەككۈرىنى ئىپادىلەيدىغان ئېسىل پەزىلەت. مىننەتدارلىققا تولغان قەلب كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئىناقلىققا، خۇشاللىققا يول ئاچىدۇ. چۈنكى ھەر قانچە قوپال، سوغۇق بىر ئادەممۇ باشقىلارنىڭ تەبەسسۇم بىلەن قىلغان يېقىملىق رەھمەت سۆزلىرىدىن، چىن قەلبىدىن بىلدۈرگەن مىننەتدارلىقىدىن سۆيۈنمەي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.

     بۈگۈنكىدەك تۇرمۇش رىتىمى تېزلىشىۋاتقان شارائىتتا باشقىلارنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن توغرا يول، توغرا تەدبىرلىرى ئاز ياكى كۆپ بولسۇن، لايىقىدا رەھمەت ئېيتىش، مۇشۇنداق بەختلىك تۇرمۇشتىن مىننەتدار بولۇش ۋە مىننەتدارلىقىمىزنى ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىش بىر رەسمىيەت بولۇپلا قالماستىن بەلكى مەدەنىيلىكنىڭ، ئادىمىيلىكنىڭ توغرا بولغان بىر خىل ئىپادىسى. مىننەتدار بولۇشنى بىلگەن كىشى ھەم باشقىلارغا مىننەتدارلىق قىلىشنى بىلىدۇ، ھەم ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى، چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەتكە تولغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ، ھەم بۇ خىل ئېسىل پەزىلىتى بىلەن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا ھەر قېتىم مۇخبىرلىق ۋەزىپەمنى تۈگىتىپلا قالماستىن بىر مۇنچە ياخشى ھاسىلاتلارغا ئىگە بولاتتىم. بوۋاي – مومايلارنىڭ ئازادە يوللارنى، قاتار – قاتار كەتكەن ئەمىن ئۆيلەرنى، سۈزۈك سۇلار ئېقىۋاتقان ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى، شەھەرلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدىغان بالىلار باغچىلىرى ۋە مەكتەپلەرنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ ھەم ھازىرقى خاتىرجەم، باياشات تۇرمۇشىدىن سۆيۈنۈپ، بۈگۈن بىلەن ئۆتمۈشىنى سېلىشتۇرۇپ، پارتىيەدىن، ئانا ۋەتەندىن، باش شۇجىدىن چەكسىز مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەندە قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا تولىدۇ. چۈنكى بۇنداق ھاياجانلىق ھېس – تۇيغۇلار ھەقىقەتەن سۆيۈملۈك ئىدى.

     ئامما ئارىسىدىكى ياخشى تەشۋىقاتچى شەرىپىگە ئېرىشكەن بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنى زىيارەت قىلغىلى بارغىنىمدا ئۇنىڭ <<بۈگۈنكى بەختلىك كۈنلەرگە كۆز تەگمىسۇن. خوتۇنۇم بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىلى تۆت يىل بولدى. داۋالىتىشقا يىلىغا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدۇ. ئۆزىمىز پەقەت 10 نەچچە مىڭ يۈەن چىقىرىمىز. ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتىن 90 نەچچە مىڭ يۈەننى كۆتۈرىدۇ. ئەگەر بۇرۇنقى ۋاقىتلار بولغان بولسا خوتۇنۇم بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتى. مانا بۇ پارتىيەنىڭ بىزگە بولغان چەكسىز غەمخورلۇقىنىڭ ئىپادىسى ئەمەسمۇ. مەن پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى خالىس تەشۋىقاتچى بولۇش ئارقىلىق ئىپادىلمەكچى. مەن ئاممىغا پارتىيەنىڭ مانا مۇشۇنداق ئەۋزەللىكلىرىنى تەشۋىق قىلىمەن>> دېگەن سۆزىدىن مىننەتدارلىقنى بىلگەن قەلب ئەڭ گۈزەل قەلب ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم.

     تۇرمۇشتا بىز مىننەتدار بولىدىغان كىشىلەر، ئىشلار تولىمۇ نۇرغۇن. ئىككى دوست ئاران دېگەندە پۇرسەت تېپىپ بىرلىكتە ئۇزاقتىن بۇيان بېرىشنى ئارزۇ قىلغان تاغقا چىقىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرسى يول بويى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ شۇنداق خۇشال مېڭىپتۇ. ماشىنا مېڭىشقا بولمايدىغان تاغ يولىغا كەلگەندىمۇ يەنىلا شۇنداق خۇشاللىق بىلەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەردىن، چىرايلىق گۈللەردىن، ئېگىز قارىغايلاردىن ھۇزۇرلىنىپ چەكسىز بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈپتۇ. لېكىن يەنە بىرسى يولغا چىققاندىن باشلاپ يولنىڭ يامانلىقى، كۈننىڭ ئىسسىقلىقىدىن قاقشاپتۇ. پىيادە يول يۈرۈشكە توغرا كەلگەندە ئۆزىنىڭ كەلگىنىدىن پۇشايمان قىلىپ، ھېرىپ كەتكەنلىكىدىن، تاغ يولىنىڭ جاپالىقلىقىدىن، دوستىنىڭ ئۆزىنى مۇشۇنداق يەرگە ساياھەتكە باشلاپ كەلگەنلىكىدىن رەنجىپتۇ. ئۇلار مەنزىلگە يېتىپ كەلگەندە، رەڭگارەڭ گۈللەرگە پۈركەنگەن گۈزەل مەنزىرە، ئېگىز تاغ چوققىسىدىكى ئاپئاق قار بىلەن قوشۇلۇپ كىشىنى شۇ قەدەر جەلپ قىپتۇ. ئۇلار ئاخىر پۇت – قولىنى ئۇزۇن سۇنۇپ ئارام ئاپتۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا قاقشاپ ھالى قالمىغان ھېلىقى قىز دوستىغا: مەن قاتتىق چارچاپ كەتتىم، لېكىن سەن قىلچە چارچىغاندەك قىلمايسەنغۇ، دەپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى دوستى: ئاداش، چۈنكى سېنىڭ قەلبىڭنى بىز سەپەرگە چىققاندىن باشلاپ رەنجىش، قېيىداش، يامانلاش، قاقشاش، رازى بولماسلىقتەك كەيپىيات ئامىللىرى ئىگىلىۋالغاچقا، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالمىدىڭ. خۇشال بولىدىغان ئىشلاردىنمۇ خۇشال بولالمىدىڭ. مەن بولسام ئەڭ ئاۋۋال قەلبىمدە بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق بىر گۈزەل كۈندە سەندەك يېقىن دوستۇم بىلەن ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان جايغا ساياھەتكە بارالىغانلىقىمدىن تولىمۇ مىننەتدار بولدۇم، ئاندىن مۇشۇنداق ئېگىز تاغقا يامىشىپ چىقالىغىدەك كۈچ – قۇۋۋىتىمنىڭ بارلىقىدىن، باشلىقىمنىڭ ماڭا بىر كۈن رۇخسەت بېرىپ مېنىڭ ساياھەت قىلىشىمغا پۇرسەت بەرگەنلىكىدىن، بۈگۈن تەلىيىمىزگە ھاۋانىڭ شۇنداق ياخشى بولۇپ بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ مىننەتدار بولدۇم. مېنىڭ قەلبىم مىننەتدارلىق بىلەن تولغاچقا ئەتراپتىكى گۈزەللىكلەرنى ھېس قىلالىدىم، ھەممە نەرسە ماڭا شۇ قەدەر گۈزەل تۇيۇلدى، دەپتۇ.

     شۇنداق، كىشىلىك تۇرمۇشتا بىز مانا بۇنداق ئىشلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز. لېكىن مەيلى بىز قانداق مۇھىتتا ياشايلى، تۇرمۇشقا قانداق مۇئامىلە قىلايلى، قانداق بىر نىشان ئۈچۈن تىرىشايلى قەلبىمىزدە مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. چۈنكى مىننەتدارلىق تۇيغۇسى كىشىنى ئۈمىدۋار بولۇشقا ئۈندەيدۇ. ئۈمىدۋار كىشىلەر تۇرمۇشتىن خۇشاللىق تاپالايدۇ. ئەتراپىمىزدا ھە دېسىلا خىزمەتتىن، تۇرمۇشتىن، جەمئىيەتتىن، ئائىلىسىدىكىلەردىن قاقشاپ يۈرىدىغان كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانداق بىر خۇشال بولىدىغان ئىش قالمىغاندەك قاچانلا قارىسىڭىز شۇ قەدەر چۈشكۈن يۈرگەن. ئەمەلىيەتتە ھەر بىرىمىزنىڭ ھەر بىر سەھەردە يېڭى بىر تاڭغا كۈلۈپ باققانلىقىمىز، تېنىمىزنىڭ ساق بولغانلىقى، ئاددىي بولسىمۇ بىزگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان بىر كىشىلىك خىزمىتىمىزنىڭ بولغانلىقى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز ئەمەسمۇ؟

     ئەر – خوتۇن، پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ئۆز نۆۋىتىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىناقلىقنى كۈچەيتسە، خىزمەتداشلار، دوستلار ۋە جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنىڭ بولۇشى ۋە بۇنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشى تەبىئىي ھالدا جەمئىيەت ئىناقلىقىغا يول ئاچىدۇ. چۈنكى، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بار قەلب بېغىشلاشنى، باشقىلارغا جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىدىغان قەلب. مىننەتدارلىققا تولغان قەلب ئەڭ گۈزەل قەلب. گۈزەل قەلبلەر ئەنە شۇنداق گۈزەل سۆزلەرگە، گۈزەل ئىشلارغا باشلايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.