مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    ئانا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋاقىتقا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ

    مەۋلۇدە2017-07-13 15:49:53تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        

        يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە بارغانسېرى تۆۋەنلەپ مۇقىملىشىدۇ. ئانا سۈتىدىكى ئاقسىل تەركىبىمۇ بالىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆزگىرىپ ماڭىدۇ، لاكتالبۇمىن ۋە كازېئىنمۇ بالىنىڭ بۆرەك ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. سۈت يېغى تەركىبىدىكى سۈت ئاجرىلىپ چىقىش ۋاقتىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ، بالىنىڭ بەدەن ئېھتىياجىغا ماسلىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى ئاقسىللىق سۈت پاراشوكىنى ياخشى دېگىلى بولمايدۇ.

        تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، سۈت پاراشوكىدىكى ئاقسىل بەك يۇقىرى بولغاچقا، بالىدا سەمىرىپ كېتىش خەۋىپى يۇقىرى بولىدىكەن. ئانا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق تەكىبى ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئوخشاش بولمايدىكەن، ئانا سۈتى كۈندۈزى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، بالىنى تېتىك قىلسا، كېچىسى مەركىزىي نېرۋىنى ياخشى ئارام ئالدۇرىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.