مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    ئازادە كىيىم كىيىدىغانلار ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ

    مەۋلۇدە2017-07-13 15:41:29تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       ئەنگىلىيەلىك بىر فىزىكىلىق داۋالاش مۇتەسەسسىسى : بوشاتقىلى ھەمدە چىڭىتقىلى بولىدىغان بەلباغلىق ئىشتان ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەش كېرەك، چۈنكى ئازادە كىيىم-كېچەكلەر سەمىرىپ كېتىشكە ياردەم بېرىدۇ، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

        ئەنگىلىيەدە ئۆتكەن 30 يىلدا سېمىزلىك نىسبىتى ئىككى ھەسسە ئاشقان. مۇشۇ سۈرئەتلىك بويىچە ماڭغاندا، 2050-يىلىدىن ئىلگىرى ئەنگىلىيەدىكى سېمىزلەرنىڭ سانى ئومۇمىي نۇپۇسنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. ئەنگىلىيەلىك فىزىكىلىق داۋالاش مۇتەخەسسىسى سام ماگ: كىشىلەر ئازادە كىيىملەرنى كىيگەندە سەمىرىپ كېتىشكە بولغان ھۇشيارلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ، شۇنداقلا ئاسانلا ھۇرۇنلىشىپ، كۈنبويى كىرېسلودا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرىدىغان «كىرېسلو بەرەڭگىسى» گە ئايلىنىپ قالىدۇ، شۇڭا بوشاتقىلى، قىسقارتقىلى بولىدىغان بەلباغلىق ئىشتان كىيمەستىن، سەل ئىخچامراق كىيىم كىيگەندە سەمىرىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، دېگەن.

     

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.