مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    تومۇز ئىسسىقتا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    مەۋلۇدە2017-07-12 11:40:40شىنجاڭ گېزىتى

    ئابدۇكېرىم ئابباس

     ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرى (تومۇز)دىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدىغان ئاساسىي نېرۋا ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ۋە تەر بەزلىرى ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىك. ئۇ ياز پەسلىدىكى تىپىك مېتېئورولوگىيە زىيادە سېزىمچانلىقى ئىنكاسىدۇر.

     ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار تېمپېراتۇرىدىن سىرت يەنە نەملىك، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى، ئەمگەك سىجىللىقى، يۇقىرى تېمپېراتۇرا مۇھىتىدا ئوچۇقچىلىقتا تۇرۇش ۋاقتى، ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى ۋە ساغلاملىق ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامىتى يۇقىرى قىزىتما، تەر چىقالماسلىق ۋە ھوشىدىن كېتىش. ئالدى بىلەن كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى پۈتۈن بەدەن ئاجىزلاش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش، كۆزى تورلىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۇدا ℃41تىن يۇقىرى بولۇش ھەمدە زىيادە ئۇيقۇ بېسىش، نەپەس يېتىشمەسلىك، قان بېسىمى تۆۋەنلەش. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە تېزرەك قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلمىسا، كېسەللىك ئەھۋالى تېز تەرەققىي قىلىپ، پۈتۈن بەدەن تارتىشىش، يۈرەك رىتىمسىز سوقۇش، مېڭىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، شۈك بولۇپ قېلىش ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ.

     ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃37 ئەتراپىدا، تېرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃32 ئەتراپىدا بولۇپ، سىرتقى مۇھىتتىكى ئىسسىقلىق ئاساسلىقى يەتكۈزۈش، كونۋېكسىيەلىك رادىياتسىيە ھەمدە سۇ تەركىبلىرىنىڭ پارلىنىشى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئالمىشىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ يەتكۈزۈش، رادىياتسىيە شەكلى ئارقىلىق ئىسسىقلىق مىقدارى بارا – بارا ئازىيىدۇ، تەر سۇلىرىنىڭ پارلىنىش شەكلى ئارقىلىق ئىسسىقلىق تارقىتىش كۆپىيىدۇ. بولۇپمۇ سىرتقى مۇھىتنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃32تىن يۇقىرى بولغاندا، كۆپ قىسىم ئىسسىقلىق تەر سۇيۇقلۇقىنىڭ پارلىنىشى ئارقىلىق تارقىلىدۇ. سىرتقى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى زىيادە يۇقىرى بولۇپ، ℃35تىن ℃39قىچە بولغاندا، بەدەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ تارقىلىشى قىيىن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىدۇ.

     ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ھەر خىل بولىدۇ. بىرىنچىسى، ئىسسىقلىق تىپىدىكى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش. ئىككىنچىسى، زەئىپلىشىش تىپىدىكى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش، بۇ ئاساسلىقى زىيادە كۆپ مىقداردىكى تەر چىقىپ كېتىش سەۋەبلىك چىرايى تاتىرىپ كېتىش، كۆپ تەرلەش، نەپەس قىيىن بولۇش، تومۇر سوقۇشى ئاجىز بولۇش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، سېزىمچانلىقى ئاجىزلاش ئىپادىلىرىدۇر. ئۈچىنچىسى، سىپازما (تارتىشىپ قېلىش) تىپىدىكى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش، ئاساسلىقى بەدەندىن كۆپ مىقداردا تەرنىڭ چىقىپ كېتىشى سەۋەبلىك، تۇز تەركىبى يوقىلىپ، مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا ئېغىزى قۇرۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇشتۇمتۇت مۇسكۇللىرى تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. تۆتىنچىسى، ئاپتاپ چۈشۈش تىپىدىكى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش، بۇنىڭدا ئاساسلىقى يازنىڭ تومۇز كۈنلىرى كۈن نۇرى باش قىسمىغا بىۋاسىتە چۈشۈپ، مېڭە قىسمىنىڭ زىيانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھوشىدىن كېتىدۇ.

     قايسى تىپتىكى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئالامەتلىرىنى بايقىغان ھامان ئاغرىقنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا مۇھىتىدىن ئايرىپ، سالقىن جايغا يۆتكەش كېرەك، كىيىملىرىنى يېشىپ، باش قىسمىنى سالقىندىتىش ياكى ھۆل لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ يۇيۇپ بېرىش، تۇزسىزراق سۇ ئىچكۈزۈش ياكى سوغۇقراق يېمەك – ئىچمەك بېرىش، رېندەن ياكى شىدىشۇي (بىر خىل دورا) ئىچكۈزۈش؛ قىزىپ قالغان بولسا، مۇسكۇلغا ئوكۇل ئۇرۇش؛ نەپەسلىنىشى قىيىن بولغانلارغا قارىتا سۈنئىي ئۇسۇلدا نەپەسلەندۈرۈش، ئەگەر قان بېسىمى تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن بولسا، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئېغىر بولۇپ، ھوشسىزلىنىپ ھوشىغا كەلمىگۈچىلەر بولسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئاغرىقنى ℃4لۇق سۇدا يۇيۇندۇرۇش، تېرىلىرىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش ئارقىلىق، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، داۋاملىق كۆزىتىش ياكى شامالدۇرغۇچ ئارقىلىق بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى تارقىتىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇشقا ياكى ئوكسىگېن سۈمۈرتۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

     ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى: يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئالدىن مەلۇماتىغا دىققەت قىلىپ، دەم ئېلىش ۋە خىزمەت ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىدا، سائەت 11دىن 14كىچە بولغان مەزگىلدە سىرتقا چىقىشنى ئازايتىش، چۈشتە مۇۋاپىق ئۇخلاش، يېمەك – ئىچمەك سۇيۇق – سەلەڭ، تۇزسىزراق بولۇش، چاي، پۇرچاق قاينىقىنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش، ھەر كۈنى يۇيۇنۇپ بېرىش، بەدىنىنى سۈرتۈپ بېرىش كېرەك؛ يەنە بىرى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى شارائىتىدا سىرتقا چىققاندا چىغ قالپاق، كۈنلۈك، قۇياش نۇرىنى توسقۇچ كۆزەينىكى، رېندەن ياكى شىدىشۇي (بىر خىل دورا) قاتارلىقلارنى ئېلىۋېلىش كېرەك. ياشانغان، ئاجىزلار سىرتقا چىقماقچى بولسا، چوقۇم باشقىلار ھەمراھ بولۇشى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.