مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    ETC سىستېمىسى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى ئازايتىدۇ

    مەۋلۇدە2017-07-11 09:52:28شىنجاڭ گېزىتى

       

      ھېيت – بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا ئاپتوموبىل توسۇلۇش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ، بۇ چاغدا شوپۇرلارETC (ئاپتوموبىللارنى توختاتماي ھەق يىغىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ھەق يىغىش سىستېمىسى) تېز سۈرئەتلىك يولى ۋە ئادەم كۈچى بىلەن ھەق يىغىش يولىدا روشەن سېلىشتۇرما بولىدىغانلىقى، بىر تەرەپتە قاتناشنىڭ راۋان، ئاپتوموبىللارنىڭ توسالغۇسىز مېڭىۋاتقانلىقى، يەنە بىر تەرەپتە ئەھۋالنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.

        چېڭدۇ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش پەن تەتقىقات ئورنى يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ETC سىستېمىسى ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ۋاقتىنى تېجەپلا قالماي، PM2.5 قاتارلىق ئاتموسفېرا بۇلغىغۇچى ماددىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىدىكەن. چېڭدۇ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش پەن تەتقىقات ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھەق يىغىش پونكىتىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 200 مېتىرلىق دائىرىدە، ئاپتوموبىللار ETC يولىدىن ئۆتكەن چاغدا قويۇپ بېرىدىغان كاربون چالا ئوكسىدى، PM2.5 ۋە PM10لارنىڭ مىقدارى ئادەم كۈچى بىلەن ھەق يىغىش يولىدىن ئۆتكەن چاغدىكىدىن %70تىن كۆپرەك ئاز بولىدىكەن. ETCدا تاق لىنىيە بويىچە سائىتىگە 1000 ئاپتوموبىلدىن ھەق يىغقىلى بولىدىكەن، بۇ ئادەم كۈچى بىلەن ھەق يىغىشنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولغاچقا، يول توسۇلۇش جىددىيلىكىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدىكەن.

        نورمال ئەھۋالدا ئادەتتىكى كىچىك ئاپتوموبىللار ئوتىنى ئۆچۈرمەي بەش مىنۇت تۇرسا، تەخمىنەن 70 مىللىلىتىر ماي كۆيدۈرىدۇ، ئاپتوموبىل بۇ ماي بىلەن تەخمىنەن بىر كىلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ، ئاپتوموبىل ئوتىنى ئۆچۈرمەي تۇرغاندا ماينىڭ تولۇق كۆيمەسلىكى سەۋەبىدىن قويۇپ بېرىدىغان بۇلغىما تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئادەم كۈچى بىلەن ھەق يىغىش يولىدا نۇرغۇن ئاپتوموبىل توسۇلۇپ تۇرۇپ كېتىدۇ، شۇ رايون دائىرىسىدە ئاپتوموبىلدىن چىققان كۆپ مىقداردىكى كېرەكسىز گاز ھاۋا سۈپىتى ۋە ئاپتوموبىلدىكىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئەمما ETC تېز سۈرئەتلىك يولىدا بۇ تەسىرلەرنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.

        ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.