مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    چاچ بوياش لىمفا ئۆسمىسى پەيدا قىلىدىكەن

    مەۋلۇدە2017-07-03 15:22:20تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     لىمفا ئۆسمىسىنى پەيدا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ۋىرۇس بىلەن باكتېرىيەدۇر. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، لىمفا ئۆسمىسى بىمارلىرى ئارىسىدا Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ نىسبىتى %11.6 كە يېتىدىكەن. Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بۇ خىل ياللۇغ بىلەن يۇقۇملانمىغانلارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

     تەتقىقاتتا چاچ بوياشقا ئادەتلەنگەن ئاياللارنىڭ لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى چوڭ بولىدىغانلىقى بايقالغان. ئالىملار چاچ بوياشقا ئادەتلەنگەن ئاياللارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق چاچ بويىغىنىغا 25 يىلدىن ئاشقان ئاياللارنىڭ لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى باشقا ئاياللارنىڭكىدىن 2.1 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، بۇ چاچ بويىقىنىڭ تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇڭا چاچ بوياش قېتىم سانىغا ۋە ئۇسۇلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، بىر يىلدا ئىككى ياكى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق چاچ بويىماسلىق، يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ساقلانغان چاچ بويىقىنى ئىشلەتمەسلىك، ھامىلىدار ۋە بالا ئىمىتىۋاتقانلار چاچنى قەتئىي بويىماسلىق كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆكسىنى كۆتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشمۇ لىمفا ئۆسمىسى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.