مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    تېرىككەك بالىلار نېمە ئۈچۈن يۈرەك كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ

    مەۋلۇدە2017-06-16 12:25:05تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    مۇيەسسەر ئابلىمىت

     يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، تېرىككەك، ئاسان قارشىلىشىدىغان بالىلارنىڭ ئېغىر-بېسىق بالىلارغا قارىغاندا يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ساۋ خۇا بۇ ھەقتە مۇنداق چۈشەنچە بەردى:

     نۆۋەتتە، يۈرەك ۋە دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلار يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە. بۇنىڭدا ئوزۇقلۇق، ياشاش مۇھىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىدىن باشقا، مىجەز-خاراكتېرىنىڭ تەسىرىمۇ بار. كۈچلۈك قارشىلىشىش مىجەزىدىكى بالىلارنىڭ «ماددا ئالماشتۇرۇش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» گە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى، بۇ يۈرەك كېسىلى ۋە دىيابېتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل. ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەردە بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە ئۆگىنىشىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، روھىي دۇنياسى، مىجەز-خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىگە سەل قاراش مەسىلىسى ئېغىر. ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەربىر ئېغىز گەپ-سۆزى، ئىش-ھەرىكىتى ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارنىڭ پىسىخىك ساغلاملىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلاردا تېرىككەكلىك، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، قارشىلىشىدىغان پىسىخىك ھالەت كۆرۈلگەندە، ئۇلارنى توغرا يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، زۆرۈر تېپىلغاندا دوختۇرغا كۆرسىتىش لازىم.

     «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.