مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    ئاياللارنى تېز قېرىتىۋېتىدىغان ئادەتلەر

    مەۋلۇدە2017-06-14 13:04:50تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      

       ئاچچىقلانغاندا ئۇخلاش.غەرب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئاچچىقلانغاندا يۈرەك سوقۇشى، نەپەس ئېلىشى تېزلىشىپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

        ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تويۇنۇپ غىزالىنىش.ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تويۇنۇپ غىزالانغاندا، ئاشقازان ھەرىكىتى ئارتىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

        ئۇخلاشتىن ئىلگىرى زىيادە ھەرىكەت قىلىش. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى زىيادە ھەرىكەت قىلغاندا، چوڭ مېڭە مۇسكۇل ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدىغان نېرۋا ھۈجەيلىرى كۈچلۈك غىدىقلىنىپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

        ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چاي ئىچىش.چاي يوپۇرمىقىدىكى كوففېئىن مەركىزىي نېرۋىنى غىدىقلاپ، ھاياجانلاندۇرىدۇ، بولۇپمۇ قېنىق دەملەنگەن چاي ئۇيقۇنى قاچۇرىدىكەن.

        مۇۋاپىق بولمىغان ياستۇق قويۇش.ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن چوقۇم مۇۋاپىق ياستۇق قويۇش كېرەك ئىكەن. ياستۇق بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە قاپاق ئاسان ئىششىپ قالىدىكەن، بەك ئېگىز بولۇپ كەتسە نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يېتىدىكەن. بويۇن ئومۇرۇتقىسىغىمۇ پايدىسىز ئىكەن.

     

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.