مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    بىر ئېغىز گەپ بىلەن...

    ئامانگۈل2017-06-12 15:57:15شىنجاڭ گېزىتى

    ۋارىسجان ئەھمەد

     سىز مەيلى دوستىڭىز، خىزمەتدىشىڭىز، مەيلى پەرزەنتىڭىز، جورىڭىز ۋە باشقىلارغا گەپ قىلسىڭىز، گەپ – سۆزىڭىز ئىلمىي، مەدەنىي، ئورۇنلۇقلا بولسا ئۇلار سىزنىڭ گېپىڭىزگە قۇلاق سالىدۇ ھەم گېپىڭىزنى ھۆرمەت بىلەن ئاڭلايدۇ. ئەگەر، گەپ – سۆزىڭىز يوللۇق بولسىمۇ ئۇنى ئىپادىلىشىڭىز قوپال بولسا، بەلكىم گېپىڭىز باشقىلارغا ئەكسىچە تەسىر بىرىپ قويۇشى مۈمكىن.

     گەپ قىلغاندا كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن سۆز سەنئىتىنى يېتىلدۈرۈش تولىمۇ مۇھىم. گەپ قىلىشنى بىلىشمۇ سىزنىڭ سۆز سەنئىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. گەپ قىلدىم دەپ باشقىلارنىڭ زىتىغا تىگىدىغان، ئەيىپىنى ئاچىدىغان گەپ – سۆزلەرنى قىلسىڭىز، قىلغان گېپىڭىز قارشى تەرەپنىڭ غۇرۇرىغا تىگىپ، كۆڭۈلسىزلىك كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. نۆۋىتى كەلگەندە ئويلاشماي قىلىنغان بىرەر ئېغىز گەپ بىلەن يېقىن ئادەملىرىمىزدىن يىراقلىشىپ كېتىشىمىز مۇمكىن. مەيلى ئائىلىۋى تۇرمۇش ياكى خىزمەت ھەم ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە بولسۇن گەپ – سۆزدە مۇلايىم بولۇشىمىز، ئامال بار چىرايلىق، يېقىشلىق سۆز – ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك. باشقىلارغا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا گەپ قىلىش قوپاللىق بولۇپلا قالماي، ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسىياتىنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭغانلىق بولىدۇ. سىلىق – سىپايىلىق بىلەن قىلىنغان ئورۇنلۇق گەپ باشقىلارنى مايىل ھەم قايىل قىلىشى، ئەكسىچە، ئويلاشمايلا دېيىلگەن بىر ئېغىز قوپال گەپ باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە ئۆچ قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا، قىلغان گەپ – سۆزىڭىز ئىلمىي ھەم مەدەنىي بولسۇنكى قوپال بولمىسۇن. باشقىلارنىڭ مىجەز – خۇلقى، خاراكتېرىگە بېقىپ گەپ قىلىشنى بىلىشىڭىز كېرەك. بىزدە <<سۇنى سەپ سىڭار يەرگە، گەپنى قىل سىغار يەرگە>>دەيدىغان ھېكمەت بار. شۇڭا، گەپ قىلغاندا باشقىلارنىڭ قوبۇل قىلىش، چۈشىنىش ئىقتىدارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئاقىلانىلىكتۇر.

     باشقىلار بىلەن ئورۇنسىز گەپ تالشىپ، مېنىڭ دېگەنلىرىم راس، مېنىڭ توغرا دەپ ئۆز گېپىڭىزدە چىڭ تۇرۇۋالماڭ. گەپنى قانداق قىلىشمۇ بىر ماھارەت. گەپدانلىق قىلدىم دەپ قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىنى قىلچە ئويلاشماي سۆزلەپ كەتسىڭىز باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازىڭىزغىمۇ نۇقسان يەتكۈزىسىز. <<ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە>> دېگەن ھېكمەت مانا مۇشۇنىڭ دەلىلىدۇر. كىشىلىك تۇرمۇشتا بىز ئىجتىمائىي ئالاقىدىن ئايرىلالمايمىز، باشقىلار بىلەن دوستانە ئۆتۈشنى ئويلىسىڭىز گەپ – سۆزگە ئالاھىدە دېققەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان گەپلەرنى قىلىڭ، چىرايلىق، سىپايە سۆزلەرنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.