مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    پەرزەنتىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ

    ئامانگۈل2017-06-12 15:41:50شىنجاڭ گېزىتى

    مېھرىئاي مەمەت

     ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئاكتىپ ئىپادىسى، ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقى ۋە ھەر قايسى پەنلەردىكى ياخشى نەتىجىسى ئوقۇتقۇچىنىمۇ، ئوقۇغۇچىنىمۇ خۇش قىلىدۇ، ئاتا – ئانىلارنى تېخىمۇ ئىپتىخارلاندۇرىدۇ، ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ. پەرزەنتلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا سەل قاراش، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىغا ماس كەلمەيدىغان ئۇسۇل ۋە مۇھىتمۇ نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     ئالمىرە مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيتتى. ئۇنىڭ ھەر قايسى پەنلەردىكى نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىلارمۇ، ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى، ئاتا – ئانىسىمۇ قىزىدىن پەخىرلىنەتتى. بىر قېتىملىق ماتېماتىكا دەرسىدە ئالمىرە مۇزىكا ئاڭلاپ ئولتۇردى، پارتىدېشى ئۇنىڭغا ئەسكەرتكەندە، ئاندىن قۇلىقىدىكى نائۇشنىكنى ئېلىۋېتىپ دىققىتىنى يىغدى. ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ ‹‹مۇزىكا ئاڭلاپ، دەرسكە دىققەت قىلمىسىڭىز، باشقىلارنىڭمۇ ئۆگىنىشىگە دەخلى قىلىسىز›› دېدى. ئەزەلدىنلا تارتىنچاق ئالمىرەنىڭ يۈزى ئوتتەك قىزىرىپ كەتتى. ئەتىسى ماتېماتىكا دەرسىدە ئالمىرە يەنە ياندىكى ساۋاقدىشى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدى. بۇنى كۆرگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ قاپىقى تۈرۈلدى ۋە دوسكا ئۆچۈرگۈچنى مۇنبەرگە تاشلىغىنىچە ‹‹دەرس ئاڭلىغىڭىز بولمىسا چىقىپ كېتىڭ›› دېدى. ساۋاقدىشى ئورنىدىن تۇرۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچى پەرۋا قىلماي دەرسىنى ئۆتۈۋەردى. ئالمىرە خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى. ئۇ كەچتە بۇ ئىشلارنى ئاتا – ئانىسىغا ئېيتتى. ئويلىمىغان يەردىن، ئاتا – ئانىسى ‹‹دەرس ۋاقتىدا مۇزىكا ئاڭلىماسلىقىڭىز، ساۋاقدىشىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ دەرس ئىنتىزامىنى بۇزماسلىقىڭىز كېرەك ئىدى›› دەپ ئۇنى ئەيىبلىدى. ئالمىرە شۇنىڭدىن كېيىن ماتېماتىكا دەرسىگە قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدى. تېخىمۇ يامان بولغىنى، باشتا ماتېماتىكا نەتىجىسى، ئارقىدىن باشقا پەنلەردىكى نەتىجىسى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. بىراق ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ ئوي – خىيالى بىلەن كارى بولمىدى، بىرەر قېتىممۇ قىزى بىلەن پىكىرلىشىپ باقمىدى. پەقەت ‹‹دەرسىڭنى تەكرارلا، چاققان تاپشۇرۇق ئىشلە›› دېيىش بىلەنلا كۇپايىلەندى، ئەمما قىزىنىڭ نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە زادىلا ئامال قىلماي ۋايساپلا يۈردى...

     ھەممىلا ئادەم ئۆزىنى سۆيىدۇ، ئۆزىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ، بالىلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەگەر ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى ۋاقتىدا تۈزىتىشكە يېتەكلىسە، ئۇلار چوقۇم بۇ خاتالىقنى ئۆزلۈكىدىن تۈزىتىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ، شۇنداقلا شۇنىڭغا ماس ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەكسىچە ئوقۇتقۇچىسى ياكى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئورۇنسىز تەنقىدى ۋە بۇيرۇق – دەشناملىرى ئۇنىڭدا قارشىلىشىش، بىزار بولۇش پىسخىكىسى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. يۇقىرىقى مىسالدىكىدەك، ئەگەر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئالمىرەنىڭ پىسخىكىسى ۋە مىجەز – خاراكتېرىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى ئايرىم چاقىرىپ، كەمچىلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا، ئۇ تېخىمۇ تىرىشقان بولاتتى؛ ئاتا – ئانىسىمۇ قىزىنىڭ سۆزىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى پىسخىكىسى ۋە روھىي ھالىتىنى چۈشەنگەن ھەم ئۇنى ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلغان بولسا، ئۇمۇ دەرستىنمۇ بىزار بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ، تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەيتتى.

     ھەر قانداق پەرزەنت ئۆگىنىش جەريانىدا ياكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇقسا، قايمۇقىدۇ، بىئارام بولىدۇ. ئاتا – ئانىلار بۇنداق چاغدا پەرزەنتلىرى بىلەن ۋاقتىدا پىكىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئورتاقلاشسا، ئۇلارنى پاسسىپ كەيپىياتتىن قۇتۇلدۇرالايدۇ، پەرزەنتلەرمۇ باراۋەرلىك تۇيغۇسىدا كۆز ئالدىدىكى مەسىلىگە داۋاملىق ئۈمىد بىلەن قارىيالايدۇ.

     شۇڭا ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كەيپىياتى ۋە سۆز – ھەرىكىتىنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ، ئۇلار بىلەن ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ ئۇلارنى مۇۋاپىق يېتەكلىشى ۋە جايىدا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. بەزىدە ئاتا – ئانىنىڭ پەرزەنتى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە بۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى ئۇلارنى ئوقۇشقا، ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش، نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋە ئاچقۇچ بولۇپ قالىدۇ. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.