مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    تېرە ئاپتاپتا كۆيۈپ زەخىملەنسە.....

    مەۋلۇدە2017-06-08 10:49:52تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     1. قىزىل چاي. يازدا قۇياش نۇرى كۈچلۈك بولغاچقا، ئاپتاپتا بىردەمدىلا كۆيۈپ قىزىرىپ كېتىمىز. بۇ ۋاقىتتا قىزىل چاينى مۇۋاپىق مىقداردا چىلاپ، لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ يۈزىگە تەگكۈزسەكمۇ بولىدۇ، چوقۇم تەگكۈزۈپ تۇرۇڭ، سۈرتۈشكە بولمايدۇ. يۈزدىكى چاي قۇرىغاندا يەنە قايتا تەگكۈزۈپ ھۆل قىلىمىز. چاي تەركىبىدىكى كىكى ئىشقارى ئىسسىقنى سۈمۈرۈپ، تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئەگەر كۆيۈپ يارىلانغان بولسا، چاي يوپۇرمىقىنى بىۋاسىتە يۈزگە چاپلىساق بولىدۇ.

     2. ھەسەل-ئالوي شىرنىسى. بىر قوشۇق ھەسەلنى بىر قوشۇق ئالۇي شىرنىسىگە ئارىلاشتۇرۇپ، كۆيگەن تېرىگە تەكشى سۈرىمىز. ئالۇي تېرە كېسەللىكىگە تاقابىل تۇرۇپ، كۆيۈپ قىزىرىشنى داۋالايدۇ. ھەسەل تېرىگە سۇ تولۇقلاپ، تەبىئىي ھالەتكە ئەكىلىدۇ.

     3. يېڭى ئالوي. يېڭى ئالوينىڭ پوستىنى ئاقلاپ توغراپ توڭلاتقۇدا مۇزلىتىمىز. ئاندىن كۆيۈپ يارىلانغان ئورۇنغا قويساق بولىدۇ.

     4. سۇلۇ-سودا. بىر ئىستاكان سۇلۇ بىلەن بىر ئىستاكان ئالما ئاچچىقسۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ، يېرىم ئىستاكان سودانى قوشۇپ ۋاننىغا ياكى چوڭراق داسقا تۆكۈپ، سۇنى مۇۋاپىق تېمپىراتۇرىدا تەڭشەپ، يېرىم سائەت چىلانسا بولىدۇ.

     5. ئاچچىقسۇ. ئاچچىقسۇ تەركىبىدىكى سىركە كىسلاتاسى كۆيۈپ يارىلىنىش ۋە ياللۇغنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ. پەلكۈچنى ئاچچىقسۇ بىلەن نەمدەپ، كۆيۈپ يارىلانغان يەرگە قايتا-قايتا تەگكۈزسەك بولىدۇ.

     6. قېتىق تەركىبىدىكى پايدىلىق زەمبۇرۇغلار تەبىئىي قالقان بولۇپ، كۆيگەن تېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. مۇزلىتىلغان قېتىقنى تېرىگە سۈرۈپ، 10 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن لۆڭگە بىلەن سۈرتۈۋەتسەكلا ئاپتاپتا كۆيگەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

     7. تەرخەمەك. يېڭى تەرخەمەكنى توغراپ، كۆيگەن تېرىگە چاپلىغاندا تېرىگە سۇ تولۇقلاپ، كۆيۈپ زەخىملەنگەن ئورۇننىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ياكى تەرخەمەك شىرنىسىنى چىقىرىپ توڭلىتىپ، پەلكۈچ بىلەن يۈزگە سۈرسەكمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

     8. يالپۇز. يالپۇز يوپۇرمىقى ئاپتاپتا كۆيۈپ زەخىملەنگەن تېرىگە مەنپەئەت قىلىدىغان بولۇپ، زەخىملەنگەن ئورۇندىكى باكتېرىيەگە تاقابىل تۇرىدۇ. يالپۇز يوپۇرمىقىنى ئېزىپ، كۆيۈپ زەخىملەنگەن ئورۇنغا قويساق، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، تېرىمۇ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ. 

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.