مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    ھەسەلدىن پايدىلىنىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇسۇللىرى

    مەۋلۇدە2017-05-22 15:28:27تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     1. 50 گىرام ھەسەلگە بىر دانە تۇخۇم ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەپتىدە ئىككى قېتىم يۈزىگە سۈرۈپ بەرسە تۈك تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىپ، قورۇق يوقىتىپ، يۈزىنى پارقىراق قىلىدۇ.

     2. ھەسەلدىن بىر قوشۇق، سۈت تالقىنىدىن ئىككى قوشۇق، بىر دانە تۇخۇم ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ، يۈزىگە سۈرتۈپ 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە قۇرغاق تېرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

     3. ھەسەل بىلەن گىلىتسېرىن ئۇنىنى ئوخشاش مىقداردا ئېلىپ، ئۈچ ھەسسە سۇ ئارىلاشتۇرۇپ، مەلھەم قىلىپ يۈزىگە سۈرتۈپ 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە، تېرىنى يۇمران، سىلىق قىلىدۇ. قۇرۇق، سېرىق داغنى يوقىتىدۇ. چىقان ۋە دانىخورەكنى داۋالايدۇ.

     4. ھەسەل بىلەن ئۈزۈم شەربىتىدىن بىر قوشۇق ئېلىپ، مەلۇم مىقداردا ئۇن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزىگە چېپىپ 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە، يۈزنى سىلىق ۋە يۇمران قىلىدۇ.

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.