مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    ئۇيقۇسىزلىق سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

    ئامانگۈل2017-05-18 16:26:29شىنجاڭ گېزىتى

    ئۇيقۇسىزلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 98 – قېتىملىق ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى يىللىق يىغىنىدا ئۇيقۇسىزلىقنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ساغلام ئەرلەردە ئۇدا ئۈچ ھەپتە ئۇيقۇ يېتەرسىز بولسا ياكى كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇۋالسا، سۆڭەك ماددىسىنىڭ ھاسىل بولۇشى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ كېتىدىكەن. ھەر كۈنى ئالدىنقى كۈندىن تۆت سائەت كېچىكىپ ئۇخلىسا ياكى ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى بەش – ئالتە سائەتتىن ئاشمىسا، ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن سۆڭەك شالاڭلىشىش كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. ئوتتۇرا ياشلىقلاردا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ روشەن بولىدىكەن. ئۇيقۇنىڭ تەرتىپسىز بولۇشى ئۇستىخاندىكى ماددا ئالمىشىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، سۆڭەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

    دىلبەر مىجىت تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.