مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    ئورگانىزملار ئامراق يېمەكلىكلەر

    ئامانگۈل2017-05-18 16:24:20شىنجاڭ گېزىتى

     كۆز تۇخۇمغا ئامراق. چۈنكى تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە كاروتىن، كىسانتوفىل، كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار مول بولۇپ، كۆزنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈشكە ياردەم بېرەلەيدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۈندە بىر دانە تۇخۇم يېيىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، بەش ھەپتىدىلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.

    مېڭە كاپۇستىغا ئامراق. چېچەكسەي، كاپۇستا قاتارلىق كىرېست گۈللۈك كۆكتاتلار تەركىبىدە ئاتسېتىل خولىن مول بولۇپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەر كۈنى كاپۇستا تۈرىدىكى كۆكتاتتىن ئىككى خىلنى يەپ بەرگەندە، بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتى %40 ئاستىلايدىكەن.

     تېرە شوخلىغا ئامراق. شوخلا بولسا ئەڭ ئۈنۈملۈك ‹‹ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى››. شوخلا تەركىبىدە كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى تەبىئىي ماددا شوخلا قىزىل پىگمېنتى بار. كۈنىگە 16 مىللىگىرام شوخلا قىزىل پىگمېنتى قوبۇل قىلىنسا، ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلىنىش خەتىرىنى %40 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

    بۇرۇن گازىرغا ئامراق. گازىر ۋىتامىن مىقدارى ئەڭ مول بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. ۋىتامىن كۆڭۈلدىكىدەك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا بولۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاسراش رولىغا ئىگە. ھەر كۈنى 30 گىرام گازىر چېقىپ بەرگەندە، بۇرۇن ئېھتىياجلىق ۋىتامىن مىقدارىنىڭ %46 ىنى تولۇقلىغىلى بولىدىكەن.

     كالپۇك ياڭاققا ئامراق. ھەر كۈنى بىرنەچچە تال ياڭاق يەپ بەرگەندە، ئادەمنىڭ لېۋى نەم ھەم پارقىراق بولىدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، ياڭاق تەركىبىدە ياغ كىسلاتاسى مول بولۇپ، ماددا ئالماشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

     چىش مايمۇن شاپتۇلىغا ئامراق. چىش مىلىكى قاناشنىڭ سەۋەبى ۋىتامىن C كەمچىل بولغانلىقتىن بولىدۇ. مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدە ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئەڭ مول بولۇپ، چىش مىلىكىنىڭ قوغدىغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ.

    تىرناق كالا گۆشىگە ئامراق. تىرناق پارقىراق ھالىتىنى يوقىتىپ چۈرۈك ھەم ئاسان يېرىلىدىغان بولۇپ قالغاندا، ئاقسىل ۋە تۆمۈر تولۇقلاش ئەڭ تېز ھەم ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كالا گۆشى تەركىبىدە مول ئاقسىل ماددىسى بولۇپلا قالماي، يەنە تۆمۈر مىقدارىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى ھەمدە ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ.

     يۈرەك مەرۋايىتگۈلگە ئامراق. مەرۋايىتگۈل تەركىبىدىكى يوپۇرماق كىسلاتاسى گوموسىستېئىن مىقدارىنى ئازايتالايدۇ، گوموسىستېئىن ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىدىغان ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ.

     ئاشقازان – ئۈچەي پۇرچاق بوتقىسىغا ئامراق. يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازان – ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش رولى بار. پۇرچاق بوتقىسى دادۇرنى خام ماتېرىيال قىلىش ئارقىلىق ئېچىتىپ تەييارلانغان بولۇپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا پايدىسى بار.

    سۆڭەك شاكىلاتقا ئامراق. شاكىلات تەركىبىدە ماگنىي ماددىسى مول. تېببىي ئالىملارنىڭ قارىشىچە، كۆپ مىقداردا ماگنىي تولۇقلاپ بەرگەندە، سۆڭەكنىڭ زىچلىقى زور دەرىجىدە ئاشىدىكەن، كۈندە 30 گىرام قارا شاكىلات يەپ بەرگەندە، پۈتۈن بەدەن سۆڭىكىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.

    مۇسكۇل – بوغۇملار زەيتۇن يېغىغا ئامراق. زەيتۇن يېغى تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى پارچىلىنىشقا قارشى ماددا بولۇپ، مۇسكۇل – بوغۇملارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى قوغدىيالايدۇ.

    بۇنىيازگۈل سەمەت تەييارلىغان

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.