مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    ئانتىبىيوتىك دورىلارنى مىنېرال سۇ بىلەن ئىچمەڭ

    مەۋلۇدە2017-05-09 11:35:21شىنجاڭ گېزىتى

     مىنېرال سۇ تەركىبىدە كالتسىي، تۆمۈر ئىيونلىرى بولىدۇ، تېتراسىكلىن تۈرىدىكى ۋە كىنولون تۈرىدىكى ئانتىبىيوتىك دورىلار مىنېرال سۇ تەركىبىدىكى كۆپ ۋالېنتلىق مېتاللىق ئىيونلار بىلەن ئۆزئارا تەسىرلىشىدۇ. شۇڭا بۇ خىل دورىلارنى مىنېرال سۇ بىلەن ئىچكەندە، دورا ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سودا سۈيى ۋە لىمون سۈيى تەركىبىدە ئايرىم – ئايرىم ناترىي كاربونات ۋە ۋىتامىن C بولۇپ، ئىشقارلىق ۋە كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئېرىتكۈچى، بۇ خىل ئىچىملىكلەر بىلەن دورا ئىچكەندە، پېنىتسىللىن تۈرىدىكى دورىلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     ئادەتتە، ئانتىبىيوتىك دورىلارنى قاينىتىلغان سۇدا ئىچىش ئەڭ مۇۋاپىق. ھەر تۈرلۈك ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىچكەندە سۇنىڭ مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ. دائىم ئىشلىتىدىغان ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىچكەندە سۇنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك.

     بەزىلەر قىزىق قايناق سۇ بىلەن دورا ئىچىدۇ. تابلېتكا دورىلارنى قىزىق قايناق سۇ بىلەن ئىچسە بولۇۋېرىدۇ، لېكىن كاپسۇللۇق دورىغا نىسبەتەن تەسىرى ياخشى بولمايدۇ، چۈنكى بەزى دورىلار ئىسسىقلىققا ئۇچرىسا فىزىكىلىق ياكى خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىپ، دورا ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. دورا ئىچكەندە ئىلمان سۇ (25 سېلسىيە گىرادۇس) بىلەن ياكى سوغۇق سۇ بىلەن ئىچكەن ئەڭ مۇۋاپىق. ئىمكانقەدەر قىزىق قايناق سۇ بىلەن دورا ئىچىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئاموكسىتسىللىن دانچە دورىسىنى ئەڭ ياخشىسى 40 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن سۇ بىلەن ئىچىش لازىم.

    دىلبەر مىجىت تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.