مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    قېيىداش ــ ياتلىشىشنىڭ مەنبەسى

    پەرغانە غوپۇر2017-05-08 17:33:47شىنجاڭ گېزىتى

    تۇرسۇن كېرىم

     قېيىداش قارشى تەرەپنىڭ بىرەر ئېغىز سۆزىگە ياكى قىلمىشىغا بولغان نارازىلىقى ياكى قورسىقىمدىكىنى تاپ دەپ سۈكۈت قىلىش جەريانى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىغا پەرىشانلىق، روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان پىسخىك ھالەتتۇر.

     قېيىداش كۆپ ھاللاردا ئۇرۇق – تۇغقان، خىزمەتداش، قوشنا – قولۇم، دوستلار ئارا كۆرۈلىدىغان پىسخىك ھالەت بولۇپ، ئاساسەن مۇناسىۋىتى بىرقەدەر قويۇق كىشىلەر ئارا ئۇقۇشماسلىق ياكى بىرەر كىشىنىڭ مەلۇم قىلمىشى، سۆز – ھەرىكىتىنى ئۆزىگە ھار ئېلىۋېلىشتىن پەيدا بولىدۇ. قېيىداشنىڭ ئاچقۇچى شۇكى يېقىن ئۆتكەنلەر كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بىرەر ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىر – بىرىگە ۋاقتىدا، ئېنىق چۈشەندۈرمەي، ئەكسىچە، باتناپ، قورسىقىمدىكىنى تاپ دەپ، ماي تارتىشىپ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ، غەمكىن روھىي ھالەتتە بولۇپ قېلىشتۇر.

     ئورۇنسىز قېيىداش ئۆزىنى قىينىغانلىق بولۇپ، ئارتۇقچە كۆڭۈل غەشلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆڭلىگە ھار ئېلىپ، رەنجىگەن شۇ بىرەر ئېغىز سۆز بەلكىم شۇ چاغدا مەقسەتسىز، غەرەزسىزلا دېيىلگەن بولۇشى، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر، ئەرزىمەس بىرەر ئىش سەۋەبىدىن قېيىدىغان بولسا بەلكىم قارشى تەرەپنىڭ بىلەلمىگەن، ھېس قىلالمىغان تەرەپلىرى بولۇشى مۇمكىن.

     ئەگەر بىرەرسى مەلۇم ئىشقا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ تۇيغۇسى، گۇمانى، پەرىزى، قارىشى بويىچە باشقىلاردىن ئورۇنسىز ئاغرىنىپ، قېيىداپ، كۆڭلىنى غەش قىلىپ يۈرۈۋەرسە، سەمىمىي پوزىتسىيە، ساغلام پىسخىكا، ئىشەنچ بىلەن يۈزتۇرا پاراڭلاشماي، ئۇقۇشماسلىققا چۈشەنچە بەرمەي، ئەپۇچانلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، كەڭ قورساقلىق بىلەن تۈگۈننى يېشىۋەتمەي يۈرۈۋەرسە قېيىداش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى ئۆزئارا مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ‹‹مەندىن ئۆزىنى تارتىۋاتىدۇ، مەنمۇ ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتاي››دېگەن ئويغا كېلىپ، بىر – بىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ، بىر – بىرىدىن سادا بولمىغاندىن كېيىن تېلېفون ۋە باشقا ئالاقىمۇ ئۈزۈلۈپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن دوستلار ھەتتا ئۇرۇق – تۇغقانلار ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ، ئاخىرىدا ياتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     قېيىداش كىشىلەردىكى بىنورمال پىسخىك ھالەت بولۇپ، كەيپىياتقا تەسىر يەتكۈزۈپ، تېرىكىش، چېچىلىش، بۇرۇقتۇرمىلىق پەيدا قىلىپ، كىشىنىڭ كۆڭۈل ئارامىنى بۇزىدۇ. شۇڭا، ئورۇنسىز قېيىداش، بىھۇدە رەنجىش، ئاسان چېچىلىش، ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنايلى، بۇ خىل بىنورمال روھىي ھالەت سالامەتلىككىمۇ پايدىسىز. ئامال بار مۇناسىۋەت دائىرىمىزدىكى كىشىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىرلىشىشكە، قىزغىن پاراڭلىشىشقا، پىكىردە ئورتاقلىشىشقا، ئويلىغانلىرىمىزنى توغرا ئىپادىلەشكە ماھىر بولغىنىمىز ياخشى.

     كۈندىلىك تۇرمۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە روھىي ھالىتىمىزنى نورمال، كۆڭلىمىزنى ئازادە تۇتۇشقا تىرىشىپ، كەيپىياتىمىزنى تەڭشەپ، كەڭ قورساق، چىقىشقاق، ئەپۇچان بولايلى. شۇنداق قىلغاندا ئەتراپىمىزدىكىلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ئىزچىل ساقلاپ، بىھۇدە روھىي بېسىمدىن يىراق تۇرالايمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.