مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    ياشلىقىڭىزنى قەدىرلەڭ

    مەۋلۇدە2017-05-01 13:24:26شىنجاڭ گېزىتى

    ياسىنجان توخنىياز

     ئادەمنىڭ ياشلىق دەۋرى ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز قىممەتلىك دەۋر، ئۇ ئۆمۈر مەنزىلىنىڭ باھار پەسلى، گۈل پەسلى.

     سۇ بىلەن يەر كۆكەرگەندەك، بىلىم بىلەن ئادەمنىڭ ياشلىق باھارى كۆكىرىدۇ. ياشلىق دەۋر بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالىغا ئۇل سالىدىغان، ئىلىم – پەن، قانۇن – تۈزۈم، ئەخلاق، غايە جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلىدىغان ھەم يېتىلىشكە ئاساس سالىدىغان، توغرا بولغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى يېتىلدۈرىدىغان مەزگىل.

     ئۈمىدۋار، ئىرادىلىك كىشىلەر ياشلىقتىن ئىبارەت ئالتۇن دەۋرنىڭ قەدرىگە يېتىپ، ئۆز ياشلىقىنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىدۇ. چۈنكى، ياشلىقنىڭ ئۆمرى بەكلا قىسقا، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەنمىسە، تىرىشمىسا، بۇ ئالتۇن دەۋر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەپسۇس، بىر قىسىم ياشلىرىمىز‹‹ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش››دەپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا ئىزدەنمەيدۇ. ھەتتا بەزى ياشلىرىمىز ئالى مەكتەپتىكى بىلىم ئېلىش پۇرسىتىنى قەدىرلىمەي، ئۆگىنىش ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بولمىغۇر ئىشلارغا بەند بولۇپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق دەۋرىنى ئەرزىمەس، مەنىسىز ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ئاخىرىدا ھەتتا ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنىمۇ ئاقلىيالماي، پۇشايماندا قالىدۇ.

     ياشلار ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش، دەۋرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىش ئۈچۈن چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىشى، ئۆزىدە كۆپ خىل ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆز – ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك. ياشلىقتا ئۆگەنگەن بىلىم خۇددى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلمايدۇ. شۇڭا، ياشلار ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى قەدىرلەپ، ياشلىقتىن ئىبارەت بۇ ئالتۇن دەۋردە، بىلىم ۋە ئەخلاق بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرۇپ، كەلگۈسى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىشى، بىلىمدىن ئىبارەت ئالتۇن ئاچقۇچ ئارقىلىق ئۆز ئىستىقبالىنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىشقا تىرىشىشى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.