مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزاق بولىدۇ

    ئامانگۈل2017-04-28 16:00:19شىنجاڭ گېزىتى

     ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ يېڭى تەتقىقاتىغا قارىغاندا ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ تېنى تېخىمۇ ساغلام، ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزاق بولىدىكەن.

     ئالىملارنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا: كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى 97 مىڭ ئايالنى سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۈمىدۋار ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ باشقا ئاياللارغا قارىغاندا %9 تۆۋەن بولىدىغانلىقى، ھەر خىل كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ %14 تۆۋەن بولىدىغانلىقى دېيىلگەن.

     تەتقىقاتتا ئاياللارنىڭ ئۈمىدۋار بولۇشى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولۇش، ئوقۇغان بولۇش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىدىغان بولۇش، تاماكا چەكمەيدىغان، ھاراق ئىچمەيدىغان ۋە بەدەن چېنىقتۇرىدىغان بولۇش قاتارلىق ياخشى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايقالغان.

     تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ بايقاش ئەرلەرگىمۇ ماس كېلىدۇ، چۈنكى ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا ئۈمىدۋار ئەرلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالى ئۈمىدسىز ئەرلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

    ئادىل غوجالىم تەرجىمىسى 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.