مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    بالىلارنىڭ قەلب دۇنياسىغا ھۆرمەت قىلايلى

    مەۋلۇدە2017-04-14 16:49:29شىنجاڭ گېزىتى

    ليۇ دەنياڭ

     ھازىر پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان كۆپ قىسىم ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھەرخىل تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا، قىزىقىش سىنىپلىرى ۋە ئەلاچىلارنى تەربىيەلەش سىنىپلىرىغا ئاپىرىپ بېرىپ، ئۇلارنى بالىلىقتىكى شادىمان چاغلىرىدىن مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى دەسلەپكى تەربىيەگە ئىگە قىلىش ۋە ئۇلارنى ئويغىتىشتا پۈتۈنلەي مۇشۇ تۈردىكى ئالدىن تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا تايانسا، بۇ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

     بالىلارنى سۆيىدىكەنمىز، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىشىمىز، چۈشىنىشىمىز، مەسىلىلەرنى ئۇلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىنىشىمىز، ھەل قىلىشىمىز كېرەك. بالىلارنىڭ قەلب دۇنياسى چوڭلارنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. بالىلارنىڭ قەلبى پاك ھەم بىغۇبار كېلىدۇ، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى سۆيدۈم دەپ، بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئويلاشمىسا، ئايرىملىقنى ئومۇملۇق دەپ قارىسا، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيدۇ.

     ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشى كېرەك. بالىلىرىنىڭ پىسخىك ھالىتى ۋە قەلب دۇنياسىنى ئىگىلىشى، بالىلىرى بىلەن ئارىلىق ساقلىماي پىكىرلىشىشى، بالىلىرىغا ئىشىنىشى، بالىلىرىغا زوقلىنىش نەزەرى بىلەن قارىشى كېرەك. بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوغداش ئۇلارنى كۇرسقا قاتناشتۇرۇشتىنمۇ مۇھىم.

     ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا ۋە تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، بالىلىرىنىڭ تاللىشىغا رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى باھالارنى بېرىشى، بالىلىرىغا باھا بەرگەندە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. بالىلارغا پىكىر بەرسە بولىدۇ، لېكىن بەزىدە ئاتا – ئانىلارنىڭ مەقسەتسىزلا دەپ قويغان گېپى ۋە خاتا قارارى بالىلىرىغا ئۆمۈرۋايەت تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

     ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ كەيپىياتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. بالىلاردا چۈشكۈنلىشىش، ئازابلىنىشتەك روھىي كەيپىياتلار كۆرۈلگەندە ئۇلارنى دەرھال يېتەكلىشى ۋە كەيپىياتىنى تەڭشىشى، ئۇلارغا ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. بالىلارنى تەربىيەلەش جەريانىدا قوپاللىق قىلىش، ئىنكار قىلىش، تەنبىھ بېرىش پوزىتسىيەسىدە بولۇشتىن ئامال بار ساقلىنىش كېرەك.

     ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ پىسخىك يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، بالىلاردىكى ئىزدىنىش، تەكشۈرۈش ئارزۇسىنى قېزىشى، بالىلاردا سوئال سوراش، پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، بالىلارنىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللاشقان ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ، بالىلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان پۇرسەت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

     ئاتا – ئانىلار بالىلارنى تەربىيەلەش جەريانىدا بالىلارنىڭ قەلبىگە ھەممىدىن بەك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان تەربىيەلىنىش مۇھىتىنى تاللاپ، بالىلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ‹‹كەيپىيات››قا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇشى كېرەك، مانا مۇشۇنداق تەربىيە ئەڭ ياخشى ئۈنۈم بېرەلەيدۇ.

     مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: بالىلار ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بولغاچقا تەربىيەچىلەر بالىلارنى تەپسىلىي كۆزىتىشى، تەتقىق قىلىشى، ئۇلارنىڭ قەلب دۇنياسىنى چۈشىنىشى كېرەك، بالىلارنىڭ ئەركىن ھەم ئۆزلۈكىدىن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.

     بالىلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچى ئاتا – ئانىسىنىڭ ھۆرمەت قىلىشى نەتىجىسىدە تۇرغۇزۇلىدۇ. بالىلار ئىززەت – ھۆرمەتكە ئىگە بولغاندا يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئاسانلا نامايان قىلالايدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن ئاسانلا خۇشاللىق تۇيغۇسىغا ۋە مەمنۇن بولۇش ھېسسىياتىغا ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن ئەركىن، ئازادە، ئىناق بولغان ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى، بالىلارغا ماس كېلىدىغان تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك.

    ‹‹جۇڭگو مائارىپ گېزىتى››دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.