مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    شەخسىيەتچىلىكتىن يىراق تۇرايلى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-04-07 11:31:06شىنجاڭ گېزىتى

    ئايىمگۈل مۇتەللىپ

     كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن خۇشال بولسىمۇ، خۇشاللىقنىڭ ئۇزاقراق داۋاملاشمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ. قەلبىدە خۇشاللىق تۇيغۇسى بولمىغانلار دائىم غېرىب، بىچارە، يالغۇز قالغاندەك ھېس قىلىپ، ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن چاغلايدۇ.

     جەمئىيەتشۇناسلار ۋە پىسخولوگلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسىنىڭ سەۋەبى بالىلىق مەزگىلدە مېھىر – مۇھەببەتكە تويۇنمىغانلىق ۋە يېتەرلىك ئېتىبار بېرىشكە ئېرىشەلمىگەنلىك ياكى زىيادە كۆيۈنۈش، ئەتىۋارلىنىش سەۋەبىدىن باشقىلاردىن ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ تاما قىلىشىدىن پەيدا بولىدىكەن. بۇ خىل خاراكتېردىكىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاجىز بولغاچقا، باشقىلارغا قانداق مۇھەببەت بېرىش ۋە مۇھەببەتكە قانداق ئېرىشىشنى بىلەلمەيدىكەن؛ شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ۋاي دېيىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن – يۇ، ئەمما ئۆزى باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشىشنى بىلمەيدىكەن. ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىدىن باشقىلار بىلەن تەڭ بولالمىغانلىقىنى، ھۆرمەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلگەندە، بۇنى باشقىلاردىن كۆرۈپ ئاچچىقلىنىدىكەن ياكى مەنىۋى جەھەتتىكى بوشلۇقىنى ماددىي نەرسىلەر بىلەن تولدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىكەن؛ ئۆزىدە يوقنى بار قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ، ھەشەمەتچىلىككە بېرىلىدىكەن. بۇ ئارقىلىق ھۆرمەتكە، ئېتىبارغا ئېرىشىپ خۇشاللىق تاپماقچى، غېرىبلىق، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش تۇيغۇسىنى يەڭمەكچى بولىدىكەن؛ بەزىدە ئۆزىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە پۇل خەجلەپ، يۇقىرى ئىستېمالنى قوغلىشىپ، چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىشكە بېرىلىدىكەن. ئەگەر كۆزلىگەن نىشانىغا يېتەلمىسە مىجەزى ئۆزگىرىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى باشقىلاردىن كۆرۈپ باشقىلار بىلەن ئۇرۇش، جېدەل – ماجىرا پەيدا قىلىدىكەن.

     بۇنداق مىجەزدىكىلەرگە قارىتا جەمئىيەتشۇناسلار ۋە پىسخولوگلار داۋالاشنىڭ مەخپىي رېتسېپلىرىنى تېپىپ چىققان. بۇنىڭدىكى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بۇلارنىڭ ئىدىيەسىدىكى شەخسىيەتچىلىكنى تازىلاپ، كوللېكتىۋىزملىق، ئورتاق بەھرىلىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.

     ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، قاچانلا قارىسا خاپىغان كۆرۈنىدىغان، دائىملا باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرىيدىغان كىشىلەرنى ئۇچرىتىمىز. ئۇلاردىكى ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك ئۇلاردا شۇ خىل روھىي ھالەتنى پەيدا قىلغان. بەزىلەر ھەممە ئىشتا ئۆزىنىڭلا مەنپەئىتىنى كۆزلەيدۇ، بارلىق ياخشى ئىشلار ماڭىلا كەلسە دەپ ئويلىغاچقا، بىرەرسى بىرەر ئىشتا ئۇتۇق قازانسا، ئۇنى كۆرەلمەي ھەسەت قىلىدۇ، ھەسەت ئوتى كۈچەيگەنسېرى كەيپىياتىدىكى خۇشاللىق يوقايدۇ. ئىلمىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇنداق پاسسىپ روھىي ھالەت سالامەتلىككىمۇ زىيانلىق.

     ئىنسانلاردىكى پەقەت ئۆز خۇشاللىقىنىلا ئىزدىگۈچىلەر بولسا راھەت ئىچىدە راھەتنى، خۇشاللىق ئىچىدە خۇشاللىقنى ھېس قىلالماي بارغانسېرى ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ. بىرقىسىم كىشىلەردە ئۆزۈمچىلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدىن ھەتتا كوللېكتىپنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئۆز مەنپەئىتىنى دەپ كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئىدىيە بولغاچقا، ئۇلاردا خالىس تۆھپە قوشۇش روھىمۇ بولمايدۇ، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشتىنمۇ نۇرغۇن خۇشاللىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

     كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەممە ئادەم خۇشاللىقنى ئىزدەيدۇ، ئادەم خۇشال بولغاندىلا ساغلام روھىي كەيپىيات، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىشلارغا كىرىشىپ كېتىمىز. ئۇنداقتا، خۇشاللىقنىڭ مەنبەسى نەدە؟ بىز مۇقەددەس قەلب بوشلۇقىمىزدا شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنچىلىك، كىبىر، ھەسەتتىن ئىبارەت ناتوغرا ئىدىيەلەرگە ھەرگىز ئورۇن بەرمىسەكلا، خۇشال ياشاش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.

     دوستۇم، ھەرۋاقىت شەخسىيەتچىلىكتىن نېرى تۇرۇڭ، شۇندىلا تۈرلۈك ناچار پىسخىك ھالەتلەردىن ئۆزىڭىزنى تارتالايسىز! شەخسىيەتچىلىكنىڭ خۇشاللىقلىرىڭىزنى تارتىۋېلىشىغا يول قويماڭ!

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.