مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    ئەتىيازدا زەھەر ھەيدەيدىغان كۆكتاتلار

    مەۋلۇدە2017-03-20 12:24:07تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      

       1. تەرخەمەك: ئىسسىقنى ھەيدەپ، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەرخەمەكنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىقنى ھەيدەپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىپ، ئىششىق ياندۇرۇش رولىغا ئىگە. تەرخەمەك تەركىبىدىكى سېللىولۇزا ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى ھەيدەيدۇ.

        2. قېرىنقۇلاق: قان تازىلاپ، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، زەھەر ھەيدەپ، قان توختىتىش رولى بار. قېرىنقۇلاق تەركىبىدە تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددا بار بولۇپ، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

        3.لامنارىيە : ماينى سۈمۈرۈپ، ئىششىق قايتۇرىدۇ. لامنارىيە قان تەركىبىدىكى خولېستېرىننىڭ نورماللىقىنى ساقلايدۇ.

        4. مەرۋايىتگۈل: قۇرۇق ئىسسىقنى يوقىتىپ، ئېغىز قۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مەرۋايىتگۈلنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىق قايتۇرۇپ، سۈيدۈك ھەيدەپ بەدەندىكى زەھەرنى تازىلايدۇ.

        5. ئاق تۇرۇپ. قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاق تۇرۇپنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىق قايتۇرۇپ، بەلغەم بوشىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۈيدۈك ھەيدەش رولى بار بولۇپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ئورۇقلىتىدۇ.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.