مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    بالا باققاندا ئۆزۈن ئۆمۈر كۆرۈش مۇمكىن

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-03-17 12:02:03تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     بالا بېقىۋاتقان ئاتا-ئانىلار دائىم «چارچاش» دېگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. لېكىن، شىۋېتسىيەنىڭ بىر تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بالا باققاندا تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدىكەن!

     كارولىن تېببىي ئىنستىتۇتى مۇھىت تېبابەت ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار بىر مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ ماتېرىيالىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلۈم خەۋپى يۇقىرىلايدىغان بولۇپ، بۇ پەرزەنتىنىڭ بار-يوقلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تەربىيەلەش، ھەرىكەت ئىقتىدارى قاتارلىق باشقا ئامىللارنى ئويلاشقان ئاساستا، تەتقىقاتچىلار پەرزەنتى بارلارنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن ياشىيالايدىغانلىقىنى بايقىغان.

     ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پەرزەنتى يوقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پەرزەنتى بار ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئىككى يىل ئۇزۇن بولىدىكەن، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 18 ئاي ئۇزۇن بولىدىكەن. ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگرامما گېزىتى» نىڭ 13-مارت تەتقىقاتچىلار سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ نەتىجە بىيولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، بەلكى «مۇھەببەت» نىڭ تەسىرىدىن ئىكەن. تەتقىقاتقا قاتناشقان كارىن مودىگ مۇنداق دېگەن: «قورامىغا يەتكەن پەرزەنتلەرنىڭ يېشى چوڭىيىپ كەتكەن ئاتا-ئانىلىرىغا بولغان رىغبىتى، ياردىمى ئاتا-ئانىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى مۇھىم ئامىل. ياش چوڭايغاندا ئاتا-ئانا بولغۇچىدا بېسىم ئاز بولىدۇ، شۇنداقلا يەنە پەرزەنتلىرىدىن ئىجتىمائىي ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ».

     ئالاقىدار تەتقىقات دوكلاتى «تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە ئاممىۋى ساقلىق ساقلاش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

    (زاھىدە مۇتەللىپ تەرجىمىسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.