مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    قىزىل گۈرۈچنىڭ شىپالىق رولى

    ئامانگۈل2017-03-15 17:48:54شىنجاڭ گېزىتى

    ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

     قىزىل گۈرۈچنىڭ تەركىبىدە مول كىراخمال ۋە ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بار، قىزىل گۈرۈچنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، خورىغان جىسمانىي قۇۋۋەتنى تولۇقلىغىلى ھەم بەدەننىڭ نورمال تېمپېراتۇرىسىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

     قىزىل گۈرۈچنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، بولۇپمۇ تۆمۈر ماددىسى مول، قان تولۇقلاش ۋە كەم قانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى. بۇنىڭدىن باشقا، قىزىل گۈرۈچنىڭ تەركىبىدە يەنە فوسفور، ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن B گۇرۇپپىسىدىكىلەر مول، ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش، ناماز شام قارىغۇسى كېسىلى ۋە بېرىبېرى كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ؛ ھارغىنلىق، روھى تۆۋەن بولۇش ۋە ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا پەسەيتەلەيدۇ. قىزىل گۈرۈچنىڭ تەركىبىدىكى پانتوتېنىك كىسلاتا، ۋىتامىن E قاتارلىق ماددىلار راك پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنى چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ، بولۇپمۇ بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا رولى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.