مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    كۈنگە قاقلاپ بەرگەن بالىلارنىڭ سۆڭىكى قاتتىق بولىدۇ

    زۆھرە تۇرسۇن2017-03-14 18:17:03تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    كۈنگە قاقلاش-راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئاددىي، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ئومۇمەن ئېيتقاندا، بالا بىر ئايلىق بولغاندىن كېيىن، ھەركۈنى مەلۇم ۋاقىت ئاجرىتىپ، بالىنى سىرىتتا ئاپتاپقا قاقلاش كېرەك. بوۋاقنى كۈنگە قاقلىغاندا، كۈن نۇرى ئىمكانقەدەر ئۇنىڭ بېشى، قولى، پۇتى، كاسىسى قاتارلىق جايلارنىڭ تېرىسىگە چۈشۈرۈلۈشى لازىم. يازدا كۈن نۇرى كۈچۈلك بولغاندا، سەھەر ياكى كەچقۇرۇندا ياكى دەرەخ سايىسىدا كۈن نۇرىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بولىدىغان يەرلەردە كۈنگە قاقلاش لازىم. قىشتا قىشتا كۈنگە قاقلىغاندا سوغۇق تېگىپ قېلىشتىن ساقلاش ساقلىنىش، ئىللىق شامال، كۈن نۇرى ئۆتكۈر ھاۋا رايى شارائىتىنى تاللاش، ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 10 دىن كېيىن قاقلاش، شۇنداقلا كىيىمنى ئوبدان كىيدۈرۈش، يۈز ۋە قولىنى چىقىرىپ قويۇش لازىم. قىش پەسلىدە ئىشىك-دېرىزىنى ئېچىۋىتىپ، ئۆي ئىچىدە كۈنگە قاقلاشقىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئەينەك ئىچىدە تۇرغۇزۇپ كۈنگە قاقلاشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. چۈنكى، ئەينەك ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى ئۆتكۈزمەي توسۇۋالىدۇ. كۈنگە قاقلاش ۋاقتى 5~10 مىنۇتتىن بارا-بارا ئۇزارتىلىپ، كۈنىگە بىر سائەت ئەتراپىدا يەتكۈزۈلسە بولىدۇ. مۇبادا بالا ئاغرىپ قېلىپ، كۈنگە قاقلاش ئۈزۈلۈپ قالغان بولسا، ساقايغاندىن كېيىن كۈنگە قاقلاشنى ئۇلاپ داۋاملاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.
                                                                              «بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.