مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    تېلېۋىزور كۆرگەچ تاماق يېگەندە سەمىرىپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-03-14 13:07:54تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئۆيدە تاماق يېگەندە سەمىرىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ ئىككى نۇقتىدا دىققەت قىلىش كېرەك ئىكەن: بىرىنچىسى، ئۆيدىكىلەر ئەتكەن تاماقنى يېيىش؛ ئىككىنچىسى، تاماق يېگەندە تېلېۋىزور كۆرمەسلىك.

     ئوخېئو تېببىي ئىنستىتۇتى ھۆكۈمەت بايلىق مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار 13 مىڭ ئاھالىنىڭ يېمەكلىك ئادىتىنى ئانالىز قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە تاماق يېگەن قېتىم سانىنىڭ سەمىرىپ كېتىش خەۋپى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى، لېكىن دائىم ئۆيدىكىلەر ئەتكەن تاماقنى يېگەندە سەمىرىپ كېتىش خەۋپنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا %26 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى، تاماق يەۋاتقاندا ئەزەلدىن تېلېۋىزور كۆرمەيدىغان كىشىلەرنىڭ سەمىرىپ كېتىش خەۋپى تېلېۋىزور كۆرگەچ تاماق يەيدىغانلارغا قارىغاندا %37 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

     تەتقىقاتچىلار شۇنداق ئەسكەرتكەن، تېلېۋىزور كۆرگەچ تاماق يېگەندە بولسۇن، ياكى تاماقخانىلاردا تاماق يېگەندە بولسۇن، ئادەم ئىختىيارسىز كۆپ يەۋالىدىكەن، بۇ ئەلۋەتتە بەدەن ئېغىرلىقىغا پايدىسىز ئىكەن. سىرتتىن ئەكەلگۈزگەن يېمەكلىكلەر، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر ياكى تاماقخانىلارنىڭ تاماقلىرىغا تۇز ۋە ماينى كۆپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئۆيدە ئېتىلگەن تاماقلاردەك ساغلام بولمايدىكەن.

    (زاھىدە مۇتەللىپ تەرجىمىسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.